خۇاۋېي روڭياۋ 6X يانفونى ئامېرىكىدا بازارغا سېلىندى، باھاسى 200 دوللار

تەھرىر: كارۋان   مەنبەسى:ithome.com   يوللانغان ۋاقتى:2017-01-11 23:40

IT ئائىلىسى تورى خەۋىرى،

بۇ يىلقى CES 2017 چوڭ يىغىنىدا خۇاۋېي شىركىتى ئوتتۇراھال سەپلىمىلىك روڭياۋ 6X يانفونىنى ئېلان قىلدى، روڭياۋ 6X يانفونى ئالدىنقى بىر ئەۋلاد 5X يانفونىغا ئوخشاشلا ئامېرىكا بازىرىغا يۈرۈش قىلىشتەك ئېغىر ۋەزىپىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان، بۇ خۇاۋېي ئامېرىكىدا ئېلان قىلغان روڭياۋ تۈرىدىكى ئۈچىنچى خىل يانفون.

ئامېرىكىدىكى روڭياۋ ئورگان تورى تۈنۈگۈندىن باشلاپ روڭياۋ 6X يانفونىنى زاكاز قىلىش بېتىنى ئېچىۋەتكەن بولۇپ، بۇ يانفوننىڭ ئەسلى باھاسى 249.9 دوللار، ھازىر باھاسى بىراقلا 50 دوللار چۈشكەن، يەنى 199.99 دوللار (خەلق پۇلىغا 1385 يۈەن).

ئىستېمالچىلار پەقەت روڭياۋ ئورگان توردا تىزىملاتسىلا 50 دوللار ئېتىبار بېلىتىگە ئېرىشەلەيدۇ، ئۇندىن باشقا، تالىشىپ سېتىۋېلىش باشلانغاندىن كىيىن ئالدىنقى 300 نەپەر خېرىدار ئەسلى زاۋۇتتىن تەمىنلەنگەن قوغداش قاپچۇقى، تىڭشىغۇچ ۋە سۈرەتكە تارتىش دەستىسى قاتارلىق سوۋغاتلارغا ئېرىشەلەيدۇ.

سەپلىمىسىگە كەلسەك، خۇاۋېي روڭياۋ 6X يانفونىغا پەرق ئېتىشچانلىقى 1080P بولغان 5.5 دىيۇملۇق ئېكران چىلىن 655 تىپلىق بىر تەرەپ قىلغۇچ، 3GBلىق ئىچكى ساقلىغۇچ، 32GBلىق ساقلاش سىغىمى، microSD كارتا ئوقۇرى، ئالدىغا ئىككى مىليون پىكسېللىق كامېرا، ئارقىسىغا 12 مىليون ۋە سەككىز مىليون پىكسېللىق قوش كامېرا قاتارلىقلار سەپلەنگەن، ئاندىرويىد 6.0 ئالدىن قاچىلانغان، باتارېيە سىغىمى 3340mAh.



  

يانفۇندا كۆرۈش
    315