سامسۇڭ C7 Pro ۋە C5 Pro يانفونىنىڭ سۈرىتى ئاشكارىلاندى

تەھرىر: كارۋان   مەنبەسى:ithome.com   يوللانغان ۋاقتى:2017-01-11 23:31

IT ئائىلىسى تورى 11-يانۋار خەۋىرى،

سامسۇڭ C9 Pro يانفونى بۇلتۇرلا بازارغا سېلىنغان. يېقىندا سامسۇڭنىڭ C5 Pro ۋە C7 Pro يانفونلىرىنى 1-ئاينىڭ 21-كۈنى ئېلان قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر تارقالدى. تورداشلار ئاشكارىلىغان سۈرەتكە قارىغاندا بۇ ئىككى خىل يانفوننىڭ شەكلى بىر-بىرىگە ئوخشىشىپ قالىدىغان بولۇپ، C5 Pro ۋە C7 Pro نىڭ ئوخشاشلا كۆك رەڭلىك نۇسخىسى بولىدىكەن، ئەمما ئىككى خىل كۆك رەڭ بىر-بىرىدىن پەرقلىنىدىكەن، بۇلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا «دېڭىز كۆكى» ۋە «زۇمرەت كۆكى» دەپ ئاتالغان، بۇرۇن سامسۇڭ شىركىتى S7 Edge يانفونىنىڭ «مارجان كۆكى» رەڭلىك نۇسخىسىنى بازارغا سالغان.

سەپلىمىسىگە كەلسەك، سامسۇڭ C7 Pro يانفونىغا پەرق ئېتىشچانلىقى 1080P بولغان 5.7 دىيۇملۇق AMOLED ئېكران، سنەپدراگون 626 تىپلىق بىر تەرەپ قىلغۇچ، 4GB لىق ئىچكى ساقلىغۇچ، 32GB/64GB لىق ساقلاش سىغىمى، ئالدى-ئارقىسىغا ئوخشاشلا 16 مىليون پىكسېللىق كامېرا ۋە 3300mAh باتارېيە قاتارلىقلار سەپلەنگەن، ئاندىرويىد 6.0.1 ئالدىن قاچىلانغان؛ C5 Pro يانفونىنىڭ ئېكرانى 5.2 دىيۇملۇق بولۇپ، قالغان تەرەپلىرى C7 Pro بىلەن ئاساسەن ئوخشايدىكەن.



  

يانفۇندا كۆرۈش
    315