Seagate سۇجۇدىكى زاۋۇتنى تاقاپ جۇڭگولۇق 2000 خادىمنى قىسقارتتى

تەھرىر: كارۋان   مەنبەسى:tech.qq.com   يوللانغان ۋاقتى:2017-01-11 23:27

تېڭشۈن تورى تېخنىكا قانىلى خەۋىرى،

11-يانۋار قاتتىق دىسكا ياساش سودىگىرى Seagate چارشەنبە كۈنى بۇ شىركەتنىڭ جۇڭگونىڭ سۇجۇغا جايلاشقان زاۋۇتىنىڭ تاقالغانلىقىنى ھەمدە 2000دىن ئارتۇق خادىمنى قىسقارتىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

Seagate جۇڭگو شىركىتىنىڭ باياناتچىسى جاڭ گۈيچېن (Kelly Zhang) بۈگۈن بۇ قېتىملىق ئەڭ يېڭى خادىم قىسقارتىشنىڭ شىركەت بۇلتۇر 7-ئايدا ئېلان قىلغان قايتا تەشكىللەش پىلانىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ھەمدە بۇنداق قايتا تەشكىللەش تەدبىرلىرىدە Seagate شىركىتىنىڭ يەر شارى بويىچە ياسىمىچىلىق كەسپىنى ئازايتىش مەقسەت قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.



  

يانفۇندا كۆرۈش
    315