گوللاندىيە پويىزلىرى %100 شامال ئېنېرگىيەسىدە ھەرىكەتلىنىشنى ئەمەلگە ئاشۇردى

تەھرىر: كارۋان   مەنبەسى:news.xinhuanet.com   يوللانغان ۋاقتى:2017-01-11 23:09

شىنخۇا تورى خەۋىرى،

ئەنگىلىيىدە چىقىدىغان« مۇھاپىزەتچىلەر گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە شۇ يەر ۋاقتى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى گوللاندىيە دۆلەتلىك تۆمۈر يول شىركىتى NS مەزكۇر دۆلەتتىكى بارلىق پويىزلارنىڭ ئاللىقاچان يۈز %100 ھالدا شامال كۈچىدىن پايدىلىنىپ چىقىرىلغان ئېلېكتىر ئېنېرگىيىسىگە تايىنىپ يول يۈرۈشنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقىنى جاكارلىغان. گوللاندىيە پۈتۈن دۇنيا بويىچە بارلىق پويىزلارنى شامال كۈچى ئېنېرگىيىسىدىن پايدىلىنىپ يۈرۈشنى ئەمەلگە ئاشۇرغان تۇنجى دۆلەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

دۆلەتلىك تۆمۈريول شىركىتى NS نىڭ باياناتچىسى مۇنداق دەيدۇ: «بىرىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنىدىن باشلاپ، بىزنىڭ پويىزلىرىمىز %100 ھالدا شامال كۈچى ئېنېرگىيىسىگە تايىنىپ ھەرىكەتلىنىشنى ئەمەلگە ئاشۇردى، ئەمەلىيەتتە بىز بۇ نىشاننى مۇددەتتىن بىر يىل بۇرۇن ئەمەلگە ئاشۇردۇق، گوللاندىيىدىكى شامال كۈچى ئېلېكتىر ئىستانسىلىرى سانىنىڭ تېز سۈرەتتە كۆپىيىشى بىزنىڭ بۇ ۋەزىپىنى مۇددەتتىن بۇرۇن  ئورۇنلىشىمىزغا تۈرتكە بولدى».

خەۋەر دېيىشىچە گوللاندىيە ئېلېكتىر كۈچى شىركىتى Eneco ئىككى يىل ئىلگىرى دۆلەتلىك تۆمۈر يول شىركىتى NSنىڭ تۈر خېرىدارىغا ئايلانغان بولۇپ بىر تۈرلۈك مۇددىتى 10 يىللىق كېلىشىمگە ئىمزا قويغان، ئەمەلىيەتتە بۇ تۈر قۇرۇلۇشى 2018-يىلى 1-ئايدا پۈتۈشى پىلانلانغان.

ئېلېكتىر كۈچى شىركىتى Eneco بىلەن دۆلەتلىك تۆمۈريول شىركىتى NSنىڭ بىرلەشمە باياناتىدا دىيىلىشىچە، گوللاندىيىدە ھەر كۈنى تەخمىنەن 600 مىڭ نەپەر يولۇچى شامال ئېلېكتر كۈچى ئارقىلىق يۈرىدىغان پويىزلارغا ئولتۇرىدىكەن، دۆلەتلىك تۆمۈر يول شىركىتىدە ھەر كۈنى 5500 قېتىم نۆۋەتچى پويىز قاتنايدىكەن. ھەر بىر شامال كۈچى ئېلېكتر ئىستانسى بىر سائەتتە چىقارغان توك ئارقىلىق بىر پويىز 200 كىلومېتىر يول يۈرەلەيدىكەن. بۇ ئىككى شىركەت 2020-يىلىغا بارغاندا ھەر بىر  يولۇچى سەرپ قىلىدىغان ئېنېرگىيىنى 2005-يىلدىكىدىن %30 تۆۋەنلىتىشنى ئۈمىد قىلغان. 




  

يانفۇندا كۆرۈش
    315