تايلاندتىكى ئېتىشىشتا جۇڭگو يانفونى ئوقنى توسۇۋېلىپ بىر جاننى قۇتقۇزدى

تەھرىر: كارۋان   مەنبەسى:cnbeta.com   يوللانغان ۋاقتى:2017-01-11 23:09

Cnbeta تورى خەۋىرى،

باتۇرلۇق بىلەن ئوقنى توسۇۋالغان يەنە بىر يانفون چوڭ خىزمەت كۆرسەتتى.

تايلاند سىئام تاراتقۇسىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا 7-يانۋار چياڭراي بىۋاسىتە قاراشلىق ناھىيەسىدىكى بىر قاۋاقخانا ئالدىدا ئېتىشىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، جەمئىي ئۈچ ئادەم يارىلانغان. بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر ئەرنىڭ ھەقىقەتەن تەلىيى كەلگەن، چۈنكى ئوق ئۇنىڭ يانچۇقىدىكى يانفونغا قىسىلىپ قالغان بولۇپ، يانفون ئىگىسىگە ئەجەللىك زىيان-زەخمەت يەتكۈزەلمىگەن. ئۇ ئەرنىڭ ئەكسىچە باشقا ئىككى ئادەمنىڭ بىرىنىڭ پاچىقىنى ئوق تېشىپ ئۆتۈپ كەتكەن، يەنە بىر ئادەمنىڭ قورسىقىغا ئوق تەگكەن بولۇپ، يارىسى ناھايىتى ئېغىر ئىكەن.

رەسىمدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئوق يانفون ئېكرانىغا تېگىپ ئۇنى چېقىۋەتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ بىراك بولۇپ كەتكەنلىكى جاكارلانغان.

بەزى تورداشلارنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ نۇسخىدىكى يانفوننىڭ شەكلى خۇددى دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن مەلۇم ماركىلىق يانفونغا ئوخشايدىكەن، كۆپچىلىك بىرلىكتە پەرەز قىلىپ باقايلى، بۇ قايسى يانفوندۇ؟



  

يانفۇندا كۆرۈش
    315