مېيىپ كىشىلەر ئۈچۈن ئەڭ يېڭى ئەقلىي چاقلىق ئورۇندۇق ئېلان قىلىندى

تەھرىر: كارۋان   مەنبەسى:cn.technode.com   يوللانغان ۋاقتى:2017-01-11 23:09

Technode تورى خەۋىرى،

Whill يېقىنقى CES (خەلقئارا ئىستېمال ئېلېكترون مەھسۇلاتلىرى كۆرگەزمىسى)دە ئۆزلىرىنىڭ مەھسۇلاتىنى يېڭىلىدى، يەنى ئەسلىدىكى A تىپلىق مەھسۇلاتىنىڭ دەرىجىسىنى M تىپلىققا ئۆستۈردى. ئۇنىڭ پۈتۈنلەي يېڭىچە لايىھەسى كونا نۇسخىدىكى توكلۇق چاقلىق ئورۇندۇق ۋە تەپكۈلۈك ماشىنىسىنىڭ لايىھەسىدىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، تېخىمۇ قولايلىق ۋە جانلىققا ئىگە.

Whillنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى سۇگىئې ساتوشى مۇنداق دېگەن: «چاقلىق ئورۇندۇق ساھەسىدە لايىھەلەش ۋە تېخنىكا جەھەتتە يېڭىلىق يارىتىش ناھايىتى ئاز بولۇپ كەلگەن. بىزنىڭ ئىشلەتكۈچىلەرنى مەركەز قىلغان ئۇسۇلىمىز بىزنىڭ بىر خىل پۈتۈنلەي يېڭى بولغان قاتناش ۋاستىسىنى بارلىققا كەلتۈرۈشىمىزگە ياردەم قىلدى، ئۇ مېيىپلارغا يېڭىچە ئەركىنلىكتىن بەھرىمان بولۇش ھوقۇقىنى ئاتا قىلدى».

كۆپ خىل ئۇسۇللار بىلەن يۇقىرى سۈپەتلىك يۆتكىلىشچانلىققا ئىگە قىلىش ئۈچۈن Model Mغا ئاددىي لايىھە ۋە ئىلغار تېخنىكا قوللىنىلغان، ئۇنىڭغا تۆت چاقى بىلەن قوزغىلىش تېخنىكىسى قوللىنىلغان، ئۇ چاقلىق ئورۇندۇققا پاتېنتقا ئېرىشكەن خالىغان يۆنىلىشكە ئايلىنالايدىغان ئەركىن چاق تېخنىكىسى ئىشلىتىلگەنلىكى ئۈچۈن ئۇ ئۈچ فۇت (تەخمىنەن 91 سانتىمېتىر) كېلىدىغان ئارىلىقتىن ھالقىپ ئۆتۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە، Whill M شېغىل، ياغاچ پارچىسى ۋە دەرەخ شاخلىرى قاتارلىقلاردەك ئەگرى-بۈگرى يەر شەكلىنى بويلاپ ناھايىتى ئاسانلا يۆتكىلەلەيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ توكلۇق چاقلىق ئورۇندۇقنىڭ ئايلىنىش رادىئۇسى كىچىك بولغاچقا تار بوشلۇقتا ھەرىكەت قىلالايدۇ.

بۇ يەردە Whill Mغا ئىشلىتىلگەن  ئالدى چاق تېخنىكىسىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ، ئۇ ئايرىم–ئايرىم ھالەتتىكى 24 مۇستەقىل كىچىك چاقتىن تەركىب تاپقان بولغاچقا، Whill Mنىڭ ئالدى چاقىنىڭ توغرا يۆنىلىشلىك يۆتكىلىشىگە كاپالەتلىك قىلالايدۇ، بۇ ئايلىنىش رادىئۇسىنى زور دەرىجىدە كىچىكلىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇنىڭ ئورۇندۇقى ۋە يۆلەنچۈكلىرىنىڭ ھەممىسىنى مەلۇم بۇلۇڭغىچە قىيسايتقىلى بولىدۇ.

Whill پەقەت مېيىپ ئابۇنتلارغا بىر خىل ئۆزگىچە شەخسىي توكلۇق قاتناش ۋاستىسىنى بارلىققا كەلتۈرگەن بولۇپلا قالماستىن، يەنە مۇناسىۋەتلىك يۇمشاق دېتاللارنى ياساشنى پىلانلاۋاتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئاپتوماتىك ھەيدەش كەسپى ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلىق شەھەرلەر ھەمدە ئائىلىنىڭ ئۇلىنىشى تېخىمۇ بىرىكتۈرۈلىدۇ، بۇ خىل يۇمشاق دېتاللار ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇلىدۇ. بۇ شىركەت كەلگۈسىدە كۆچمە قوللىنىشچان پىروگراممىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان يېڭى مەھسۇلات سىستېمىسى چىقىرىشنى پىلانلىغان بولۇپ، ئۇ ھادىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ياردەم بېرىش ۋە تېخىمۇ بىخەتەر ھالەتتە يول باشلاشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، Whill M مەھسۇلاتلىرى بىلەن سىمسىز ماس قەدەملەشتۈرۈلىدۇ.

Whill يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرى كەلگۈسىدە مېيىپلار ۋە مېيىپ ئەمەس ئابۇنتلار ئىشلىتىدىغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق قاتناش قورالىغا ئايلاندۇرۇلىدۇ. ئۇنىڭغا ئىشلىتىلىش مۇمكىن بولغان مىساللار جىددىي ئەھۋالدا ياردەم چاقىرىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ يەنە يولۇچىلار ئۇنتۇپ قالغان ياكى خەۋپلىك ئەھۋاللار ئۆلچەپ چىقىلغان ئەھۋالدا ئۇنىڭ توختىتىلغان ئورنى خاتىرىلىنىپ قالىدۇ ھەمدە مۇناسىۋەتلىك ئادەملەرگە ئەۋەتىپ بېرىلىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، بۇ شىركەت ھازىر مۇرەككەپ بولغان خاس سېنزور تورىنى تەتقىق قىلىشقا كۈچەۋاتقان بولۇپ، ئۇ ئابۇنتنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈپ ئۆلچەش مەقسىتىدە ئابۇنتلار ۋە پەرۋىش خادىملىرىغا شۇ ئابۇنتنىڭ بارلىق پائالىيەتلىرى مەزگىلىدىكى تومۇرىنىڭ سوقۇش نىسبىتى ۋە نەپەسلىنىش قېتىم سانىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رېئال ۋاقىتلىق سانلىق مەلۇماتىنى تەمىنلەپ بېرىدۇ.



  

يانفۇندا كۆرۈش
    315