Nexus 6 ئابۇنتى بولسىڭىز يانفونىڭىزنى ئاندىرويىد 7.1.1گە يېڭىلىماي تۇرۇڭ

تەھرىر: كارۋان   مەنبەسى:ithome.com   يوللانغان ۋاقتى:2017-01-11 22:29

IT ئائىلىسى تورى 11-يانۋار خەۋىرى،

Nexus 6 يانفونى ئاخىرى 6-يانۋاردىن باشلاپ ئاندىرويىد 7.1.1 سىستېمىسىغا يېڭىلاندى، بۇ ئاندىرويىد 7.1.1نى كۈتۈۋالغان ئەڭ ئاخىرقى بىر گۇگول يانفونى. بىراق بىر قىسىم ئابۇنتلار سىستېما يېڭىلىغاندىن كىيىن يانفوننىڭ سۆزلىشىش ئىقتىدارىدىن مەسىلە چىققانلىقىنى ئىنكاس قىلدى.

بۇ مەسىلىنى ئىنكاس قىلغان Nexus 6 ئابۇنتلىرىنىڭ سانى خېلىلا كۆپ، ئۇلارنىڭ دېيىشىچە ئاندىرويىد 7.1.1گە يېڭىلانغاندىن كىيىن يانفوننىڭ ئاۋاز يەتكۈزۈش سىستېمىسىدا كاشىلا كۆرۈلگەن، قارشى تەرەپ ئاۋازنى ئېنىق ئاڭلىيالمىغان، ئۇندىن باشقا سۆزلەشكەندە تۇرۇپكىدىن قۇلاقنى ئاغرىتىدىغان ئاۋاز چىققان.

قىسمەن Nexus 6 ئابۇنتلىرى يانفونىنى ئاندىرويىد 7.0گە قايتۇرغاندىن كىيىن مەسىلىنىڭ ھەل بولغانلىقىنى بايقىغان، گۇگول شىركىتىمۇ بۇ مەسىلىنىڭ راستىنلا مەۋجۇتلۇقىنى ئېتىراپ قىلغان ھەمدە ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى ئىزدەۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەگەر قولىڭىزدا Nexus 6 يانفونى بولسا، ئۇنداقتا سىستېما نەشىرىنى ئاندىرويىد 7.1.1گە يېڭىلىماي تۇرۇڭ، گۇگول مەسىلىنى ھەل قىلغاندىن كىيىن يېڭىلىسىڭىزمۇ كېچىكمەيسىز.



  

يانفۇندا كۆرۈش
    315