جېجياڭلىق ئاشپەز ئېسىل نازۇ-نېمەتلىرى ئارقىلىق ئۇكرائىنالىق قىزنىڭ كۆڭلىنى ئۇتىۋالدى

تەھرىر: كارۋان   مەنبەسى:slide.news.sina.com.cn   يوللانغان ۋاقتى:2017-01-10 17:15

جېجياڭنىڭ جياشىڭ شەھىرىدە تولىمۇ رومانتىك ۋە كىشىگە ئىللىقلىق بېغىشلايدىغان بىر توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. يېڭى كېلىن مېھمانلارنىڭ ئالدىغا چىققان شۇ دەقىقىدە ھەممە ئادەم «نېمىدېگەن گۈزەل!» دېيىشىپ كەتتى. يېڭى كېلىننىڭ تېرىسى قاردەك ئاق، كۆزلىرى چوڭ، قاڭشارلىق بولۇپ، ھەقىقەتەن چىرايلىق كۆرۈنەتتى. ئۇ ئۇكرائىنالىق قىز يۇلىيا (Yulia) بولۇپ، بۇ يىل 29 ياشقا كىرگەن. يىگىتنىڭ ئىسمى شۈ يىچاۋ بولۇپ، بۇ يىل 26 ياشقا كىرگەن. ئۇمۇ ناھايىتى قاملاشقان بولۇپ، بىر غەربچە رېستوراندا ئاشپەزلىك قىلىدۇ.

ئىككەيلەن 2015-يىلى 11-ئايدا شاڭخەيدە تونۇشقان. شۈ يىچاۋ: «ئەينى ۋاقىتتا مەن ئۇنى تۇنجى كۆرۈپلا ئۇنىڭغا ئاشىق بولۇپ قالغانىدىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ خەنزۇچىنىمۇ ناھايىتى راۋان سۆزلەيدۇ» دېگەن. كېيىن يۇلىيا بىلەن پاراڭلاشقاندا شۈ يىچاۋ ئۇنىڭمۇ ئېسىل تائاملارغا ئامراقلىقىنى بايقىغان. 

شۇنىڭ بىلەن ئۆتكەن يىلى 4-ئايدا شۈ يىچاۋ بىر قەھۋەخانىدا يۈلىيادىن قىز دوستى بولۇشنى تەلەپ قىلغان.

شۇنىڭدىن باشلاپ بۇ بىر جۈپ قىز-يىگىت بىرلىكتە ھەرخىل تاماقلارنى ئېتىپ يېيىشكە باشلىغان. شۈ يىچاۋ غەربچە تاماق ئەتسە، يۇلىيا رۇسىيەنىڭ ئەنئەنىۋى تاماقلىرىنى ئەتكەن.

شۈ يىچاۋ: «مېنىڭ خەينىڭدە بىر غەربچە تاماقخانا ئاچقۇم بار. ئەلۋەتتە، ئۆزۈم ئەتكەن مەززىلىك تائامنى تۇنجى بولۇپ ئايالىمغا يېگۈزىمەن» دېگەن.



  

يانفۇندا كۆرۈش
    315