ماي تەپكىسىنى تورمۇز ئورنىدا دەسسىگەن ئايال شوپۇر ئىككى ئاپتوبۇسنى سوقۇۋېتىپ قازا قىلدى

تەھرىر: كارۋان   مەنبەسى:news.qq.com   يوللانغان ۋاقتى:2016-05-09 11:21

2016-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى سەھەر سائەت 6:00 ئەتراپىدا، گۇاڭدۇڭ فوشەن شەھىرىدىكى بىر كوچا ئېغىزىدا، يول بويلاپ كېتىۋاتقان بىر ئاق رەڭلىك پىكاپ تۇيۇقسىزلا ئارقا-ئارقىدىن ئىككى كوچا ئاپتوبۇسنى سوقۇپ، ئۈچ ئاپتوموبىل ئوخشىمىغان دەرىجىدە زىيانغا ئۇچرىغان ھەمدە پىكاپقا ئوت كەتكەندە ئاپتوبۇس شوپۇرى تەرىپىدىن ئۆچۈرۈۋېلىنغان. پىكاپ ئىچىگە قاپسىلىپ قالغان ئايال شوپۇر قۇتقۇزۇپ چىقىلغاندىن كېيىن، يارىسى ئېغىر بولغانلىقتىن قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلغان. 

بىر مۇھىت تازىلىقى ئىشچىسىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ۋەقە يۈز بەرگەندە، پىكاپ تۇيۇقسىزلا سۈرئەتنى ئاشۇرۇپ، ئارقا-ئارقىدىن ئىككى كوچا ئاپتوبۇسىغا سوقۇلغان. پىكاپ ئاساسى جەھەتتىن براك  بولغان بولۇپ، قاتتىق سوقۇلۇشتىن ساق يېرى قالمىغان، ھەتتا ئالدى تەرىپىگە ئوت كەتكەن. سوقۇۋېتىلگەن ئىككى كوچا ئاپتوبۇسىمۇ ئوخشىمىغان دەرىجىدە زىيانغا ئۇچرىغان.

نەق مەيداننى كۆرگۈچىلەر تەمىنلىگەن سىن كۆرۈنۈشىدە كۆرسىتىلىشىچە، كوچا ئاپتوبۇسلىرى ۋەقە يۈز بەرگەن كوچا ئېغىزىدىن ئۆتمەكچى بولۇۋاتقاندا، بىر ئاق رەڭلىك پىكاپ ئۇچقاندەك كېلىپ، پىكاپنىڭ سول تەرىپى ئىككى ئاپتوبۇس بىلەن قاتتىق سوقۇلغان ھەمدە كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە پىكاپنىڭ شەكلى ئۆزگىرىپ كەتكەن. 

نەق مەيداننى كۆرگۈچى ليۇ خانقىزنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئەينى ۋاقىتتا پىكاپ يۈرۈۋاتقان يۆنىلىشتە دەل قىزىل قىزىل چىراغ يانغان بولۇپ، شوپۇر پىكاپنى تورمۇزلىماقچى بولۇپ ماي تەپكىسىنى خاتا دەسسەپ سېلىپ، پىكاپ كونتروللۇقىنى يوقاتقان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. 

ئارقىدىن، پىكاپنىڭ باش قىسىمىغا ئوت تۇتىشىپ كەتكەن، ئاپتوبۇس شوپۇرى ئاپتوبۇستىكى ئوت ئۆچۈرگۈچنى ئېلىپ كېلىپ، ناھايىتى تېزلا ئوتنى ئۆچۈرۈۋالغان، بىراق پىكاپنىڭ شەكلى ئېغىر دەرىجىدە ئۆزگىرىپ كەتكەن بولۇپ، پىكاپ ئىچىدىكى ئايال شوپۇرنىڭ ئەھۋالىنى بىلگىلى بولمىغان.

ئۇزۇن ئۆتمەيلا، ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى نەق مەيدانغا يېتىپ كېلىپ، پىكاپ ئىچىگە قاپسىلىپ قالغان ئايال شوپۇرنى قۇتقۇزۇپ چىققان. نەق مەيداننى كۆرگۈچىلەرنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئايال شوپۇر ناھايىتى ياش بولۇپ، ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى ئۇنى پىكاپ ئىچىدىن ئېلىپ چىققاندىن كېيىن، قۇتقۇزۇش خادىملىرى دەرھال قۇتقۇزۇش ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، قۇتقۇزۇپ قېلىشقا ئامال بولمىغان. 

ۋەقە سادىر قىلغۇچى پىكاپنىڭ ئايال شوپۇرى قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلدى.

نۆۋەتتە، ۋەقەنىڭ سەۋەبى يەنىمۇ تەكشۈرۈلمەكتە. 



  

يانفۇندا كۆرۈش
    315