تەنتەربىيە
  • NBA پەسىللىك مۇسابىقە: كاتېر كوماندىسى 133:120 قەھرىمانلار كوماندىسى

    ئۈرۈمچى ۋاقتى 2-ئاينىڭ 3-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن بىر مەيدان NBA پەسىللىك مۇسابىقىدە، كاتېر كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا قەھرىمانلار كوماندىسىنى كۈتۈۋالدى. بىر مەيدان كەسكىن تىركىشىشتىن كېيىن، قەھرىمانلار كوماندىسى 120:133 نەتىجە بىلەن كاتېر كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى، ھەمدە ئۇدا بەش مەيدان غەلبىنى قولغا كەلتۈردى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە قەھرىمانلار كوماندىسىدىن كۇرر

  • جۇڭگو ياش توپچى نىن ۋېيچېن پورتۇگالىيە كۇلۇبىغا ئىجارىگە بېرىلدى

    پورتۇگالىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىدىكى كوۋا پېدادې(CD Cova Piedade) كۇلۇبى ئورگان تورىدا، كوماندىدىكى جۇڭگولۇق ھۇجۇمچى نىڭ ۋېيچېننىڭTourizense كوماندىسىغا مۇشۇ مۇسابىقە پەسلى ئاخىرلاشقۇچە ئىجارىگە بېرىلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. ( 宁伟辰 ) نىڭ ۋېيچېن 1997-يىلى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى تۇغۇلغان، بوي ئېگىزلىكى 185 سانتىمېتىر، مەيداندىكى ئورنى بولسا ھۇجۇمچى ۋە يان كىراي. 2016-يىلى

  • رونالدو بىلەن مېسسى دۇنيادىكى كىرىمى ئەڭ يۇقىرى تەنھەرىكەتچىلار قاتارىغا تىزىلدى

    فوربېس ژۇرنىلى ئورگان تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، رونالدو 81 مىليون 700 مىڭ ياۋرو كىرىمى بىلەن ئالدىنقى يىللىق دۇنيادىكى كىرىمى ئەڭ كۆپ تەنھەرىكەتچى بولۇپ قالغان،بارسېلونا چولپىنىمېسسى 75مىليون 600 مىڭياۋرو كىرىمى بىلەن2-ئورۇنغا تىزىلغان، ئۇلار بۇ تىزىملىكتىكى ئالدىنقى 20 نەپەر تەنھەرىكەتچىلەر ئارىسىغا تىزىلغان بىردىنبىر پۇتبول تەنھەرىكەتچىلىرى بول

  • چالخان ئوغلۇ تۆت ئاي مۇسابىقىدىن چەكلەندى

    لېۋېركۇسېن كۇلۇبى ئورگان تورىدا، خەلقئارا تەنتەربىيە كېسىم سوتىنىڭ ھۆكۈمىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، كوماندىدىكى چالخان ئوغلۇ ئالدىمىزدىكى تۆت ئاي ئىچىدىكى بارلىق مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىشتىن چەكلەنگەن، بۇنىڭدىن چالخان ئوغلۇنىڭ بۇ پەسىللىك مۇسابىقىلەردىن تولۇق خوشلاشقانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. بۇ ئىش چالخان ئوغلۇنىڭ ئەينى ۋاقىتتا تۈركىيە دەرىجىدىن تاش

  • پورتۇگالىيە كۇلۇبى جۇڭگولۇق ياش توپچى ليۇ يۈخاۋنى قوشۇۋالدى

    پورتۇگالىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىگە دەرىجە ئۆرلەپ چىققان كوۋا پېدادې (CD Cova Piedade) كۇلۇبى ئورگان تورىدا، جۇڭگولۇق 22 ياشلىق توپچى ليۇ يۈخاۋ (刘宇豪)نى كوماندىغا قوشۇۋالغانلىقىنى ئېلان قىلدى. كوۋا پېدادى كۇلۇبى بىلەن ليۇ يۈخاۋ 2021-يىلىغىچە توختاملاشقان. ليۇ يۈخاۋ 1994-يىلى تۇغۇلغان. مەيداندىكى ئورنى بولسا ھۇجۇمچى، يان كىراي ۋە ئالدى بەل. بۇنىڭدىن بۇرۇن ليۇ ي

  • NBA پەسىللىك مۇسابىقە: تاقا كوماندىسى 86:102 76 ئادەم كوماندىسى

    ئۈرۈمچى ۋاقتى 2-ئاينىڭ 3-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن بىر مەيدان NBA پەسىللىك مۇسابىقىدە، تاقا كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا 76 ئادەم كوماندىسىنى كۈتۈۋالدى. بىر مەيدان كەسكىن تىركىشىشتىن كېيىن، تاقا كوماندىسى 86:102 نەتىجە بىلەن 76 ئادەم كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى، ھەمدە ئۇدا ئىككى مەيدان غەلبىنى قولغا كەلتۈردى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە تاقا كوماندىسىدىن لېئونارد 19 نومۇر، 8 قېت

  • جۇڭگولۇق ياش توپچى سى تيەن گېرمانىيەدىكى برېمېن كۇلۇبىغا قوشۇلدى

    گېرمانىيە بىرلەشمىسىدىكىبىرېمېن كۇلۇبى ئورگان تورىدا، جۇڭگولۇق ياش توپچى سى تيەن (慈天)نى U21 كوماندىسىغا قوشۇۋالغانلىقىنى ئېلان قىلدى. سى تيەن 20 ياش، جۇڭگو تيەنجىن جىنيىڭ كۇلۇبىدىن تەربىيەلىنىپ چىققان. بىرېمېن كۇلۇبىنىڭ تەنتەربىيە باش نازارەتچىسى باۋمان مۇنداق دەيدۇ: «بىز جۇڭگو سەپىرىمىزدە جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتى بىلەن سۆھبەتلەشتۇق. ئالدىنقى يىلى

  • لامپاردنىڭ تارىخ سەھىپىسىگە يېزىلغان رېكورتلىرى

    بېيجىڭ ۋاقتى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى كەچتە، چېلسىنىڭ رىۋايەتلىك توپچىسى لامپارد ئۆزىنىڭ چېكىنگەنلىكىنى جاكارلىدى، بىز بىر قىسىم سانلىق مەلۇماتلار ئارقىلىق ئۇنىڭ رىۋايەتلىك كەسپىي ھاياتىنى ئەسلەپ ئۆتەيلى. لامپارد ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسىدە ئوخشىمىغان 39 كوماندىغا توپ كىرگۈزگەن، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسى تارىخىدىكى ئەڭ كۆپ كوماندىغا توپ كىرگۈز

  • NBA پەسىللىك مۇسابىقە: راكېتا كوماندىسى 113:108 بۈركۈت كوماندىسى

    ئۈرۈمچى ۋاقتى 2-ئاينىڭ 3-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن بىر مەيدان NBA پەسىللىك مۇسابىقىدە، راكېتا كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا بۈركۈت كوماندىسىنى كۈتۈۋالدى. بىر مەيدان كەسكىن تىركىشىشتىن كېيىن، بۈركۈت كوماندىسى 108:113 نەتىجە بىلەن راكېتا كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى، ھەمدە بۇ پەسىللىك ئىككى مەيدان مۇسابىقىدە راكېتا كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە بۈركۈت كو

  • ئېنرىكنىڭ MSNنى يۈكسەلدۈرۈشى ۋە مادىرىد ئاتلېتكىنىڭ «بۆرە توپى» ئەندىزىسىگە نەزەر

    ئىسپانىيە شاھلىق لوڭقىسى يېرىم ھەل قىلغۇچ تۇنجى ئۇچرىشىشىدا، بارسېلونا مېھمان مەيداندا 1:2 نەتىجىدە مادىرىد ئاتلېتكىنى مەغلۇپ قىلدى. ئىككى كوماندا يېرىم مەيداندىن ئۆز ھەيۋىسىنى كۆرسىتىپ، ھەرگىز باش ئەگمەيدىغان ئىرادىسىنى نامايان قىلدى. سۇئارېز بىلەن مېسسى ئالدىنقى يېرىم مەيداندا قالتىس ئىپادىسى بىلەن بىردىن توپ ئۇرۇپ بارسېلونانى ئۈستۈنلۈككە ئېرىشتۈ

  • خانلىق مادىرىد بۇ يىل يازدا ئاگۈيرونى قوشۇۋالماقچى

    «كۈندىلىك ئەينەك گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خانلىق مادىرىد كوماندىسىنىڭ بۇ يىل يازدا مانچېستېر شەھىرىنىڭ ئارگېنتىنالىق ھۇجۇمچىسى ئاگۈيرونى سېتىۋېلىش نىيىتى بار ئىكەن. خانلىق مادرىد كوماندىسى ئاگۈيرونى ئىزچىل قوغلىشىۋاتقان كۇلۇبلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇلار بۇ يىل يازنىڭ ئاگۈيرونى قوشۇۋېلىشنىڭ ياخشى پۇرسىتى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدىكەن. خېسۇس قاتار

  • گىرۇد ئارسېنال كوماندىسىنىڭ 1-ئايلىق ئەڭ مۇنەۋۋەر ماھىرى بولۇپ باھالاندى

    ئارسېنال ئورگان تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، گىرۇد %60.4 بېلەتكە ئېرىشپ، ئوڭۇشلۇق ھالدا ئارسېنالنىڭ 1-ئايلىق ئەڭ مۇنەۋۋەر ماھىرى بولۇپ باھالانغان. ئارسېنال كوماندىسى 0:2 نەتىجىدە خىرۇستال ئوردا كوماندىسى يەڭگەندىكى مۇسابىقىدە گىرۇد ناھايىتى چىرايلىق بىر توپ ئۇرغان. ئارسېنال كوماندىسى 3:3 نەتىجىدە بۇرنېموس كوماندىسى بىلەن تەڭلىشىپ قالغان مۇسابىقىدە، گ

  • پۇتبول دۇنياسىنى لەرزىگە سالغان يۆتكىلىش سودىلىرى (20-11)

    پۇتبول دۇنياسىنى لەرزىگە سالغان يۆتكىلىش سودىلىرىنىڭ 3-بۆلىكى، بۇ بۆلەكتە 20-دىن 11-گىچە بولغان سودىلار تونۇشتۇرۇلىدۇ. 20. كلىۋ ئاللېن (1980-يىلى توپچى ئالماشتۇرۇش شەكلىدە ئارسېنالدىن خىرۇستال ئوردىغا يۆتكەلگەن) يۇقىرى باھادا توپچى قوشۇۋېلىش ئارسېنالنىڭ ئۇسلۇبى ئەمەس، ئۇنداقتا بىر ھۇجۇمچى قوشۇۋېلىپ ئىككى ئايدىن كېيىن ئۇنى بىر بېك بىلەن ئالماشتۇرۇش تېخىمۇ م

  • ئورگان خەۋىرى: رونالدىنھو بارسېلونا كۇلۇبىنىڭ يەر شارى ئوبراز ئەلچىسى بولدى

    بارسېلونا كۇلۇبى ئورگان تورىدا، رىۋايەتلىك چولپان رونالدىنھونىڭ رەسمىي ھالدا كۇلۇبنىڭ يەر شارى ئوبراز ئەلچىسى بولغانلىقىنى جاكارلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋااقىتتا رونالدىنھو يەنە بارسېلونا كۇلۇبىنىڭ پېشقەدەملەر كوماندىسىنىڭ ئەزاسىغا ئايلاندى. ئوبراز ئەلچىلىكىگە تەيىنلەنگەندىن كېيىن رونالدىنھو كۇلۇبنىڭ پۇتبول مەكتىپىنىڭ ئوقۇش باشلاش، ئوقۇش پۈتتۈرۈش م

  • لېيچېستېر شەھىرى ئەڭ تۆۋەن جۇغلانما نومۇرى يىغقان ئالدىنقى بىرلەشمە چېمپىيونىغا ئايلاندى

    ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسىنىڭ ئالدىنقى پەسىللىك چېمپىيونى بولغان لېيچېستېر شەھىرىنىڭ بۇ پەسىللىك بىرلەشمىدىكى ئىپادىسى كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەس. 23 ئايلانما ئۆتكەندىن كېيىن، لېيچېستېر شەھىرىنىڭ جۇغلانما نومۇرى ئارانلا 21 نومۇر بولۇپ، ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسىنىڭ ئالدىنقى نۆۋەتلىك چېمپىيونلىرىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكى ئەڭ تۆۋەن جۇغلانما نومۇر ئېلىش رېكورتىن

  • دوگىلاس كوستا: مۇللېر بىز ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم

    گەرچە ھازىر مۇللېر قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ كوماندىدىكى سەپدىشى دوگىلاس كوستا يەنىلا ئۇنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. كوستا مۇنداق دېگەن: «ئۇ نۇرغۇن تەرەپلەردە بىزگە ياردەم بەردى، ئۇ مەيداندا بىزگە ياردەملىشىپ بوشلۇق ئېچىپ بېرەلەيدۇ. بىز بىرلىكتە ئەڭ ئۈنۈملۈك ھەل قىلىش چارىسىنى تېپىپ چىقىشىمىز كېرەك. ئەگەر ئۇ خۇشال بولغۇدەك ئوينىيالىس