ئىسكو بىلەن خامېس يارىلانغاچقا شاھلىق لوڭقىسىغا قاتنىشالمايدۇ

تەھرىر: كارۋان   مەنبەسى:news.zhibo8.cc   يوللانغان ۋاقتى:2017-01-11 23:34

ئىسپانىيە زەردارى خانلىق مادىرىد شاھلىق لوڭقىسىغا قاتنىشىدىغان توپچىلار تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى، بۇ تىزىملىككە خامېس رودىرىگۇز، مودرىچ ۋە ئىسكو تاللىنالمىدى، چۈنكى ئىسكو بىلەن خامېس يارىلانغانلىقى ئۈچۈن، بۈگۈن كوماندا بىلەن بىرلىكتە مەشىققىمۇ قاتناشمىغان. ئىسكو ئالدىنقى ھەپتە گىرانادا بىلەن ئوينالغان بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە يارىلانغان، كولومبىيەلىك چولپاننىڭ سالامەتلىكى يار بەرمىگەچكە مەشىققە قاتناشمىغان، شۇڭا بۇ ئىككى توپچى تىزىملىككە كىرەلمىدى، بىراق مودرىچنىڭ تىزىملىككە تاللىنالمىغانلىقىنىڭ سەۋەبى ئېنىق ئەمەس.

بۇلاردىن باشقا، لۇكاس ۋاسكېزنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەچكە مەشىققە قاتناشقان، كوۋاچىچ تولۇق ئەسلىگە كېلىپ بولالمىغان بولسىمۇ، بىراق يەنىلا تىزىملىككە تاللانغان، شۇڭا زىدانى ئوغلى ئېنزونى بىرىنچى سەپ كوماندىسىغا چاقىرتقان. كوماندىدىكى ئاساسلىق توپچىلاردىن بېل بىلەن پېپېنىڭ يارىسى ئەسلىگە كەلمىگەچكە، داۋاملىق ئارام ئالىدىكەن.



  

يانفۇندا كۆرۈش
    315