«ئا س گېزىتى»: پېپې مۇشۇ پەسىل ئاخىرىدا جۇڭگو بىرلەشمىسىگە كېلىدۇ

تەھرىر: كارۋان   مەنبەسى:dongqiudi.com   يوللانغان ۋاقتى:2017-01-11 23:11

ئىسپانىيە ئاخبارات ۋاستىسى «ئا س گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە خانلىق مادرىد بېكى پېپې مۇشۇ پەسىل ئاخىرلاشقاندىن كېيىن جۇڭگوغا كېلىدىكەن، چۈنكى گۇاڭجۇ خېڭدا بىلەن شاڭخەي شاڭگاڭ كۇلۇبلىرى پېپېنى جەلپ قىلىدىغان توختام تەييارلىغان.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، پېپې خانلىق مادرىدتىن ئىككى يىللىق توختام تەلەپ قىلغان، بىراق خانلىق مادرىد ئۇنىڭغا بىر يىللىق توختام تەييارلاپ، ئىككىنچى يىلى ئىپادىسىگە قاراپ توختام ئۇزارتماقچى بولغان، بىراق پېپې بۇ تەكلىپكە قوشۇلمىغان.

بۇنىڭدىن باشقا، پېپې 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ باشقا كۇلۇبلار بىلەن توختام ئىمزالىسا بولىدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ خانلىق مادرىد بىلەن تۈزگەن توختامى 6-ئاينىڭ 30-كۈنى ئاخىرلىشىدۇ. پېپېنىڭ ئەڭ دىققىتىنى تارتقىنى دەل جۇڭگو بىرلەشمىسىدىكى كوماندىلار، بولۇپمۇ گۇاڭجۇ خېڭدا بىلەن شاڭخەي شاڭگاڭ كۇلۇبلىرى. تەكىتلەشكە تېگىشلىكى شۇكى، گۇاڭجۇ خېڭدا كوماندىسىنىڭ مەشقاۋۇلۇ سىكولارى ئىلگىرى پېپېنى پورتۇگالىيە كوماندىسىغا چاقىرىتقان، ھەمدە 2007-يىلى 11-ئاينىڭ 21-كۈنى فىنلاندىيە بىلەن پورتۇگالىيە ئوتتۇرسىدىكى مۇسابىقىدە مەيدانغا چىقارغان.



  

يانفۇندا كۆرۈش
    315