«جۇڭگو لوڭقىسى» مۇسابىقىسى: چىلى 2:5 كىرودىيە

تەھرىر: كارۋان   مەنبەسى:dongqiudi.com   يوللانغان ۋاقتى:2017-01-11 22:51

ئۈرۈمچى ۋاقتى 1-ئاينىڭ 11-كۈنى 17:35دە، تۇنجى نۆۋەتلىك «جۇڭگو لوڭقىسى» مۇسابىقىسىنىڭ ئىككىنچى مەيدان مۇسابىقىسى چىلى كوماندىسى بىلەن كىرودىيە كوماندىسى ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلدى. ئالدىنقى يېرىم مەيداندا چىلىدىن ۋارگاس پاس چىقىرىپ، پىنارېس بىر توپ كىرگۈزدى، كېيىنكى يېرىم مەيداندا كىرودىيەدىن ئەندرىياسېۋىچ بىر توپ ئۇرۇپ نومۇرنى تەڭلەشتۈردى، كېيىن ھەر ئىككىلا تەرەپ توپ كىرگۈزەلمەي 90 مىنۇتلۇق جەڭدىن كېيىن 1-1 نەتىجە بىلەن تەڭلىشپ قالدى. نۇقتا توپ جېڭىدا چىلى 5-2 نەتىجە بىلەن كىرودىيەنى شاللاپ ھەل قىلغۇچ باسقۇچىغا كىردى، كىرودىيە كېيىنكى مەيداندا جۇڭگو كوماندىسى بىلەن ئۈچىنچىلىكنى تالىشىدۇ، چىلى كوماندىسى بولسا ئىسلاندىيە كوماندىسى بىلەن چېمپىيونلۇقنى تالىشىدۇ.

20170111222504704.jpg

ئالدىنقى يېرىم مەيدان باشلىنىپ مۇسابىقنىڭ 19-مىنۇتىغا قەدەم قويغاندا ۋارگاس بىر نەچچە مۇداپىئەچىلەرنى ئۆزىگە قارىتىپ تۇرۇپ تۇيۇقسىز يەر بويلىتىپ پاس تاشلىدى، پىنارېئس بۇ توپنى توختاتمايلا ۋاراتارنىڭ ئۆلۈك بۇلۇڭىغا تېپىپ كىرگۈزۈپ چىلى ۋاقتىنچە 1-0 نەتىجە بىلەن ئۈستۈنلۈككە ئۆتتى. كېيىن ھەر ئىككلا تەرەپ بىر بىرگە كۈچلۈك ھۇجۇملارنى قىلغان بولسىمۇ توپ كىرمەي ئالدىنقى يېرىم مەيدان 1-0 نەتىجە بىلەن ئاخىرلاشتى.

كېيىنكى يېرىم مەيدان باشلىنىپ مۇسابىقنىڭ 69-مىنۇتىغا قەدەم قويغاندا كىرودىيە دۆلەت كوماندىسى نومۇر تەڭلەشتۈردى. ئەندرىجېسك سەپدىشى بەرگەن پاسنى توختاتمايلا تېپىپ كىرگۈزدى.

 كېيىن ھەر ئىككىلا تەرەپ توپ كىرگۈزەلمەي 90 مىنۇتلۇق مۇسابىقىدىن كېيىن 1-1 نەتىجە بىلەن تەڭلىشپ قېلىپ نۇقتا توپ جېڭىغا قەدەم قويدى.

نۇقتا توپتا چىلى دۆلەت كوماندىسى 5-2 نەتىجە بىلەن كىرودىيە دۆلەت كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى. 



  

يانفۇندا كۆرۈش
    315