CBA بىرلەشمىسى 26-ئايلانما: شىنجاڭ كوماندىسى 109:135 گۇاڭجۇ كوماندىسى

تەھرىر: كارۋان   مەنبەسى:cba.sports.163.com   يوللانغان ۋاقتى:2017-01-11 22:25


ئۈرۈمچى ۋاقتى 1-ئاينىڭ 11-كۈنى 6:00دە ئېلىپ بېرىلغان بىر مەيدان CBA بىرلەشمىسى 26-ئايلانمىسىدا، بىرلەشمە رەت-تەرتىپىدە ئۈچىنچى ئورۇندىكى شىنجاڭ كوماندىسى ئۈرۈمچىدە، بىرلەشمە رەت-تەرتىپىدە ئارقىدىن سانىغاندا ئۈچىنچى ئورۇندىكى گۇاڭجۇ كوماندىسىنى كۈتۈۋالدى. مۇسابىقە باشلىنىپلا بىر تەرەپلىمە بولۇپ قالدى، قىرانبېك شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ بۇ مەيدان مۇسابىقىدىكى بىرىنچى توپىنى كىرگۈزگەندىن باشلاپ، شىنجاڭ كوماندىسى مەيداندا مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەپ، رەقىبىگە ھېچقانداق پۇرسەت بەرمىدى. بىرىنچى كونتىيۇردىلا شىنجاڭ كوماندىسى رەقىبىدىن 12 نومۇر ئالدىدا تۇردى، ئىككىنچى كونتىيۇر ئاياغلاشقاندا نومۇر پەرقى 20 نومۇرغا سوزۇلدى، ئۈچىنچى كونتىيۇردا 30 نومۇردىن ھالقىپ كەتتى، ئەڭ ئاخىرقى كونتىيۇر مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، شىنجاڭ كوماندىسى 109:135 نەتىجە بىلەن رەقىبىنى مەغلۇپ قىلدى. توپخۇمارلار بىرقەدەر قىزىقىدىغان باشقا مەيدان مۇسابىقىدە، بىرلەشمە رەت-تەرتىپىدە ئالدىنقى ئورۇندىكى شاڭخەي كوماندىسى جىلىن كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى، گۇاڭدۇڭ كوماندىسى بولسا سىچۈەن كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويدى. شۇنىڭ بىلەن شىنجاڭ كوماندىسى بۇ مەيدان غەلبىسىدىن كېيىن، 21 مەيدان ئۇتۇپ، 5 مەيدان ئۇتتۇرۇشتەك نەتىجىسى بىلەن گۇاڭدۇڭ كوماندىسىنىڭ نەتىجىسىگە يېتىشتى.

بۇ مەيدان مۇسابىقىدە شىنجاڭ كوماندىسىدىن ئادامىس 32 نومۇر، 4 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، 2 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ بىلاتچې 26 نومۇر، 12 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، 4 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ شىرئەلىجان 11 نومۇر، 2 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، 2 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى، 4 قېتىم توپ تارتىۋالدى؛ لى گېن 13 نومۇر ئېلىپ، 2 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ سۈن توڭلىن 12 نومۇر، 6 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، 3 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ جوۋ چى 10 نومۇر، 7 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ ئابدۇسالام 8 نومۇر، 4 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ ۋاڭ زىرۈي 9 نومۇر ئېلىپ، 4 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ قىرانبېك 6 نومۇر ئېلىپ، 1 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ لو شۈدوڭ 4 نومۇر، يۈ چاڭدوڭ 2 نومۇر، ۋاڭ جېڭبو 2 نومۇر ئالدى.

گۇاڭجۇ كوماندىسىدىن باھرامى 24 نومۇر، 3 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 6 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ جۈ مىڭشىن 24 نومۇر، 8 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، 2 قېتىم توپ تارتىۋالدى؛ شى خوڭفېي 14 نومۇر، فەن زىمىڭ 12 نومۇر، جۇ شۈخاڭ 12 نومۇر، گو كەي 9 نومۇر، جېڭ جۈن 9 نومۇر ئالدى.

  



  

يانفۇندا كۆرۈش
    315