خانلىق مادىرىد شاھلىق لوڭقسىغا قاتنىشىدىغان ماھىرلار تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى

تەھرىر: كارۋان   مەنبەسى:dongqiudi.com   يوللانغان ۋاقتى:2017-01-11 21:57

خانلىق مادىرىد كوماندىسى ئورگان تورىدا 1-ئاينىڭ 13-كۈنى مېھمان مەيداندا سېۋىللا كوماندىسى بىلەن ئوينىلىدىغان شاھلىق لوڭقىسى 1/8 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ ئىككىنچى ئۇچرىشىش مۇسابىقسىگە قاتنىشىدىغان 19 كىشىلىك ماھىرلار تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى. كىرىستىيانو رونالدو داۋاملىق ئارام ئالدۇرۇلدى، تۇنجى ئۇچرىشىش مۇسابىقىسىدە ئىككى توپ ئۇرغان خامېس تىزىملىككە كىرەلمىدى. مودرىچ بىلەن ئىسكومۇ چوڭ تىزىملىككە كىرمىدى.

قاپقىچىلار: ناۋاس، كاسىللا، يانېز

مۇداپىئەچىلەر: كارۋاخال، راموس، ۋارانى، ناچو، مارسېلو، كوئېنتراۋ، دانىلو

ئوتتۇرا مەيدان: تونىي كىروس، كاسېمىرو، كوۋاچىچ، ئاسېنسىئو، ئېنزو زىدانى 

ھۇجۇمچىلار: بېنزېما، لۇكاس ۋاسكېز، مارىيانو دىياز، موراتا 

خانلىق مادىرىد بىلەن سېۋىللا كوماندىسىنىڭ شاھلىق لوڭقىسى ئىككىنچى ئۇچرىشىش مۇسابىقىسى 1-ئاينىڭ 13-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى سەھەر سائەت 2:15دە، پىس خۇئەن توپ مەيدانىدا ئوينىلىدۇ. 



  

يانفۇندا كۆرۈش
    315