خانلىق مادىرىد كارۋاخال بىلەن توختام ئۇزارتماقچى

تەھرىر: كارۋان   مەنبەسى:dongqiudi.com   يوللانغان ۋاقتى:2017-01-11 21:23

ئىسپانىيە ئاخبارات ۋاستىسى «ماركا گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خانلىق مادىرىد بىلەن كارۋاخالنىڭ توختام ئۇزارتىش سۆھبىتىدە ئىلگىرىلەش بولغان، بۇنىڭدىن ئىسپانىيەلىك بۇ توپچىنىڭ يېقىندا كۇلۇب بىلەن يېڭى توختام ئىمزالايدىغانلىقىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.

بۈگۈن كارۋاخالنىڭ 25 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خانلىق مادىرىد ئۇنىڭ قالتىس ئىپادىسىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئىسپانىيەلىك بۇ بېكقا يېڭى توختام تەييارلىغان. كارۋاخال خانلىق مادىرىد بىلەن 2015-يىلى 7-ئايدا توختام ئىمزالىغان، ئۇنىڭ توختامى 2020-يىلى يازدا ئاخىرلىشىدۇ.

كارۋاخال بۇ پەسىل مەشقاۋۇل زىدانىنىڭ قولىدا ئاساسلىق توپچىغا ئايلاندى، بۇنىڭدىن ئىلگىرى مانچېستېر شەھىرى مەشقاۋۇلى گۇئاردىئولانىڭ كارۋاخالنى قوشۇۋېلىش خەۋىرى چىققان، بىراق ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، كارۋاخال داۋاملىق خانلىق مادىرىدتا قالىدىغاندەك قىلىدۇ.



  

يانفۇندا كۆرۈش
    315