بارسېلونا شاھ لوڭقىسى مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان ماھىرلار تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى

تەھرىر: كارۋان   مەنبەسى:dongqiudi.com   يوللانغان ۋاقتى:2017-01-11 21:16

بارسېلونا كوماندىسى ئورگان تورىدا بىلباۋ ئاتلېتكا كوماندىسى بىلەن ئوينىلىدىغان شاھ لوڭقىسى مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان ماھىرلارنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى. 

بارسېلونا كوماندىسى ئورگان تورى ئارقىلىق 18 كىشلىك تىزىملىكىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئالدىنقى قېتىم تىزىملىكتىن چۈشۈپ قالغان راكىتىچ تىزىملىككە كىردى، گوللاندىيەلىك قاپقىچى سىللېسسېننىڭ يارىىسى ساقىيىپ قايتىپ كەلدى. 

ماسىپ، گومېز، ۋىدال ۋە ماتىھۇلار تېخنىكا ۋە تاكتىكا مەسىلىسى سەۋەبلىك تىزىملىكتىن چۈشۈپ قالدى.

قاپقىچىلار: تىرېستېگىن، سىللېسسىن

مۇداپىئەچىلەر: پىك، ماسچېرانو، ئالبا، دېنى، روبېرتو، ئۇمتىتى 

ئوتتۇرا مەيدان: راكىتىچ، بۇسكېس، دېنىس سۇئارېز، ئاردا تۇران، ئىنېستا، رافىنىيا

ھۇجۇمچىلار: مېسسى، سۇئارېز، نېيمار، پاكو ئالكاسىر 

بارسېلونا كوماندىسى بىلەن بىلباۋ ئاتلېتكا كوماندىسىنىڭ شاھ لوڭقسى مۇسابىقىسى ئەتە سەھەر ئۈرۈمچى ۋاقتى 2:15 ئۆتكەندە نوكەمپو مەيدانىدا ئوينىلىدۇ. 



  

يانفۇندا كۆرۈش
    315