سېۋىللا كۇلۇبى بارسېلونا مۇداپىئەچىسى ۋىدالنى قوشۇۋالماقچى

تەھرىر: كارۋان   مەنبەسى:voice.hupu.com   يوللانغان ۋاقتى:2017-01-11 20:56

«دۇنيا تەنتەربىيەسى گېزىتى» «Estadio Deportivo»نىڭ خەۋىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، سېۋىللا كۇلۇبىنىڭ بارسېلونا مۇداپىئەچىسى ۋىدالنى قوشۇۋالغۇسى بارلىقىنى ئاشكارىلىدى. 

گەرچە سېۋىللا كۇلۇبى قىشلىق يۆتكىلىش بازىرىدا لېنگلېت ۋە يوۋېتىچلارنى قوشۇۋالغان بولسىمۇ، بىراق ئىسپانىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كوماندا مەشقاۋۇلى سامپاۋلى كۇلۇبتىن يەنە نۇرغۇن توپچى قوشۇۋېلىشنى تەلەپ قىلغان، ۋىدال سامپاۋلىنىڭ قوشۇۋېلىش تىزىملىكىدىكى ئەزالارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ ۋىدالنىڭ سېۋىللاغا قايتىپ، مارىيانو بىلەن رىقابەتلىشىشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن.

«دۇنيا تەنتەربىيەسى گېزىتى»نىڭ كۆرسىتىشىچە، ئەگەر سېۋىللا كۇلۇبى بۇ سودىنى تاماملاشنى ئويلىسا، ئۇنداقتا كوماندىدىكى بەزى توپچىلارنى سېتىۋېتىشى كېرەك ئىكەن، چۈنكى ھازىر كوماندىدىكى توپچىلار ئاللىقاچان 25گە يەتكەن بولۇپ، كۇلۇب بەزى توپچىلارنى سېتىۋېتىش ئارقىلىق ۋىدالغا ئورۇن ھازىرلىشى زۆرۈر ئىكەن.  



  

يانفۇندا كۆرۈش
    315