لۆۋ: دۇنيا لوڭقىسغا قاتنىشىدىغان دۆلەت سانىنى ئاشۇرۇشنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق

تەھرىر: كارۋان   مەنبەسى:news.zhibo8.cc   يوللانغان ۋاقتى:2017-01-11 20:16

تۆنۈگۈن خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمسى ئورگان تورىدا 2026-يىلدىن باشلاپ دۇنيا لوڭقىسغا قاتنىشىدىغان دۆلەت ساننى 48گە كۆپەيتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، گېرمانىيە پۇتبولچىلار ئۇيۇشمىسى بۇ قارارغا قارشى پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويغان. گېرمانىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ باش مەشقاۋۇلى لۆۋ، مۇسابىقىنىڭ قىزىقىشى قالمايدۇ، رىقابەت جەھەتتىمۇ مەنىسىز بولىدۇ، دەپ قارىغان.

لۆۋنىڭ قارىشىدا ھازىر توپچىلارنىڭ زىممىسىدىكى يۈك ناھايىتى ئېغىرلاپ كەتكەن، ئۇ بۇ ھەقتە: «مېنىڭچە ھازىرقى 32 كوماندا سانى ئىنتايىن ئۆلچەملىك ھەم ياخشى، قاتنىشىدىغان دۆلەت سانىنى ئاشۇرۇشنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق» دېگەن.

ياۋروپا لوڭقىسىدىكى قاتنىشىدىغان دۆلەت سانى ئاللىبۇرۇن كېڭەيتىلىپ بولدى، لۆۋنىڭ قارىشىچە بۇ بىر سەلبىي مىسال ئىكەن، ئۇ: «ماڭا نىسبەتەن ئېيتقاندا، 2016-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسىغا قاتنىشىدىغان دۆلەت سانىنى كۆپەيتىشنىڭ مۇسابىقىنىڭ سۈپىتىگە ھېچقانداق پايدىسى بولمىدى. ئەكسىچە كۆپ قىسىم مۇسابىقىلەردە كۆپلىگەن كوماندىلار توپ كەتكۈزۈشتىن بۇرۇن كۈچلۈك مۇداپىئە ھالىتىدە بولدى، پۇتبول ئەسلى ئۇنداق بولماسلىقى كېرەك» دېگەن. 



  

يانفۇندا كۆرۈش
    315