مېسسى بارسېلونادا 25 ئىختىيارىي توپ ئۇرۇپ كوماندىنىڭ رېكورتى بىلەن تەڭلەشتى

تەھرىر: كارۋان   مەنبەسى:voice.hupu.com   يوللانغان ۋاقتى:2017-01-11 19:44

«دۇنيا تەنتەربىيەسى» گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئۆتكەن ھەپتە ئاخىرىدىكى مۇسابىقىدە، بارسېلونا چولپىنى مېسسى مۇسابىقىنىڭ ئاخىرىدا ناھايىتى چىرايلىق بىر ئىختىيارىي توپ كىرگۈزۈپ نەتىجىنى تەڭلەشتۈرگەن بولۇپ، بۇ توپ بىلەن مېسسىنىڭ بارسېلونا بىرىنچى سەپ كوماندىسىدا ئۇرغان ئىختىيارىي توپ سانى 25گە يېتىپ، بارسېلونانىڭ بۇرۇنقى داڭلىق توپچىسى كوماننىڭ رېكورتى بىلەن تەڭلەشكەن. ھازىرقى ئېۋېرتون كوماندىسىنىڭ مەشقاۋۇللۇق ۋەزىپىسىنى ئۆتۈۋاتقان كومان بارسېلونادىكى ۋاقتىدا 25 ئىختىيارىي توپ ئۇرغان.

بۇ مېسسىنىڭ ئۈچ كۈن ئىچىدە ئىككىنچى قېتىم ئىختىيارىي توپ كىرگۈزۈشى بولۇپ، بۇنىڭ ئالدىدا بىلباۋ ئاتلېتكا كوماندىسى بىلەن ئوينالغان شاھلىق لوڭقسى مۇسابىقىسى تۇنجى ئۇچرىشىشىنىڭ كېيىنكى يېرىم مەيدانىدا بىر ئىختىيارىي توپ ئۇرغان. 

نۆۋەتتە مېسسى بىلباۋ ئاتلېتكا كوماندىسغا ئۈچ قېتىم ئىختىيارىي توپ ئۇرغان. ئىككى تەرەپنىڭ شاھلىق لوڭقسى ئىككىنچى قېتىملىق ئۇچرىشىشى 1-ئاينىڭ 12-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى سەھەر سائەت 2:15دە نوكەمپودا ئوينىلىدۇ.  



  

يانفۇندا كۆرۈش
    315