بىلباۋ ئاتلېتكا مەشقاۋۇلى مۇسابىقە ئورۇنلاشتۇرىشىدىن نارازى بولدى

تەھرىر: كارۋان   مەنبەسى:news.zhibo8.cc   يوللانغان ۋاقتى:2017-01-11 19:16

بىلباۋ ئاتلېتىكا مەشقاۋۇلى ۋالۋېرد بارسېلونا بىلەن بولغان شاھلىق لوڭقىسى مۇسابىقىسىدىن بۇرۇنقى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئىسپانىيە بىرلەشمە ئىتتىپاقىنىڭ مۇسابىقە ئورۇنلاشتۇرىشىدىن نارازى بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «بىز بىر ھەپتە ئىچىدە نېمانچە كۆپ مۇسابىقە ئوينايمىز. مۇسابىقە ئورۇنلاشتۇرۇشىنىڭ بىزگە بولغان تەسىرى بەك چوڭ، قارىماققا بۇ بىر قەستەن ئورۇنلاشتۇرۇشتەك قىلىدۇ» دېگەن.

ئۇ يەنە: «بىز ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە مۇسابىقىگە قاتنىشىمىز، بۇنىڭدىن تاماشىبىنلار ئەلۋەتتە رازى بولىدۇ. توققۇز كۈن ئىچىدە تۆت مەيدان مۇسابىقە ئوينايمىز، چۈش ۋاقتى سائەت 12 ۋە 1 دە، ئۇ ۋاقىتتا كۆپچىلىك تاماق يەۋاتقان بولىدۇ» دېگەن.

ئىسپانىيە بىرلەشمە ئىتتىپاقى (LFP) ھوقۇق تۇتقۇچىسى بولغان رەئىس تېۋاس مۇسابىقە ئورۇنلاشتۇرۇش جەھەتتە مۇھىم بولغان شەخس ھېسابلىنىدۇ. بىراق ئىسپانىيە شاھلىق لوڭقىسىنىڭ مۇسابىقە ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئىسپانىيە ئۇيۇشمسى (RFEF) قارار قىلىدۇ، ئىسپانىيە بىرلەشمە ئىتتىپاقى بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق.

يېقىنقى ئىككى ھەپتىدىن بۇيانقى باش تېما بولغان پىكنىڭ سۆزىگە قارىتا: «كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆزىنىڭ قارىشىنى سۆزلەش ھوقۇقى بار، بارسېلونا كۆپلىگەن چېمپىيونلۇقلارغا ئېرىشتى، مېنىڭ قارىشىمدا ئۇلار بۇنى قىلالايدۇ، ھېچكىم ئۇلارنى رېپىر ياردەم قىلىپ چېمپىيونلۇققا ئىگە قىلدى دەپ باقمىدى. بەزىدە رېپىر سىزگە پايدىلىق تەرەپتە تۇرۇپ ھۆكۈم قىلىدۇ، بەزىدە سىزگە ئاۋارىچىلىق ئېلىپ كېلىدۇ، بۇمۇ پۇتبولنىڭ تەركىبىي قىسمى، مەنمۇ ھەمىشە چەكلەنگەن رايون ئىچىدىكى نۇقتا توپنى ئۆزۈم تەرەپتە تۇرۇپ كۆرەلمەيمەن» دېگەن.



  

يانفۇندا كۆرۈش
    315