جىلى يۈەنجىڭ SUV يېڭى ئاپتوموبىل تىپىنىڭ يوشۇرۇن تارتىلغان سۈرىتى ئاشكارىلاندى

تەھرىر: كارۋان   مەنبەسى:auto.163.com   يوللانغان ۋاقتى:2017-01-11 22:22


ۋاڭيى تورى ئاپتوموبىل قانىلى 11-يانۋار خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى.

يېقىندا، جىلى يۈەنجىڭ SUV قوش مۇفتىلىق نۇسخىسىدىكى ئاپتوموبىل تىپىنىڭ يوشۇرۇن تارتىلغان سۈرىتى ئاشكارلاندى، بۇ قوش مۇفتىلىق تېزلىك ئۆزگەرتكۈچ خىيۇنداي 1.3Tلىق ئاپتوموبىل تىپىدىكى CVT تېزلىك ئۆزگەرتكۈچنىڭ ئورنىنى ئالىدۇ، يېڭى ئاپتوموبىل سىرتقى كۆرۈنۈشى ۋە ئىچكى بېزەك جەھەتتە ھازىرقى نۇسخىدىكى ئاپتوموبىل تىپى بىلەن ئوخشاش.

سىرتقى كۆرۈنۈش جەھەتتە يۈەنجىڭ SUVغا جىلىنىڭ يېڭى ماركا لوگوسى ئىشلىتىلگەن، ئالدى چوڭ چىراغنىڭ ياسىلىش تىپى ئاۋانگارت، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىسلانغان لايىھە ئۇسلۇبى قوللىنىلغان، ئاپتوموبىل قۇيرۇقىنىڭ ياسىلىش تىپى تويۇنغان بولۇپ، تىك يۆنىلىشلىك قۇيرۇق چىراغ ئورۇنلاشتۇرۇشى قوللىنىلغان. 

ئىچكى بېزەك ئومۇمىي گەۋدە لايىھەسى GX7 بىلەن ئوخشاش بولۇپ، قوش رەڭلىك ئىچكى بېزەك كۆپەيتىلگەن، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ماتېرىيال ئىشلىتىش جەھەتتىكى ياخشىلاش ئاپتوموبىل ئومۇمىي گەۋدىسىنىڭ سۈپەت تۇيغۇسىنى يۇقىرى كۆتۈرگەن. يېڭى ئاپتوموبىلغا GPS يول باشلاش، ماشىنىنى ئارقىغا ياندۇرۇش سىنى، سۈرئەت بەلگىلەپ يول يۈرۈش، ESP ئاپتوموبىل گەۋدىسىنى مۇقىملاشتۇرۇش سىستېمىسى، دۆڭگە چىقىش ياردەمچىسى، تورمۇز ياردەمچىسى قاتارلىق مول بولغان سەپلىمىلەر ئۆلچەملىك سەپلىنىدۇ.



ھەرىكەت كۈچى جەھەتتە، يېڭى ئاپتوموبىلغا 1.3Tلىق ۋە 1.8Lلىق ماتور سەپلىنىدۇ، 1.8Lلىق ئاپتوموبىل تىپىغا بەش خوتلۇق قول خوتلۇق تېزلىك ئۆزگەرتكۈچ ماسلاشتۇرۇلغان، 1.3Tلىق ئاپتوموبىل تىپىغا قوش مۇفتىلىق تېزلىك ئۆزگەرتكۈچ ئالماشتۇرۇپ سەپلىنىدۇ.



  

يانفۇندا كۆرۈش
    315