ئەلى چىقىمدانى ئاپتوموبىلغا توك قاچىلاش ھەققى تۆلەش ئىقتىدارىنى چىقاردى

تەھرىر: كارۋان   مەنبەسى:cnbeta.com   يوللانغان ۋاقتى:2017-01-11 22:08

بېتا تورىنىڭ 11-يانۋاردىكى خەۋىرى،

گاز قويۇپ بېرىشى نۆل بولۇش، مۇھىت بۇلغىشى نۆل بولۇش، سەپەرگە چىقىش تەننەرخى ئىنتايىن تۆۋەن بولۇش، ھۆكۈمەت تولۇقلىما بېرىش قاتارلىق ئامىللار يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنى تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئېرىشتۈردى. توكلۇق ئاپتوموبىل ئىگىلىرىگە نىسبەتەن كۈندىلىك ھەل قىلىش ئەڭ زۆرۈر بولغان مەسىلە توك قاچىلاش مەسىلىسىدىن ئىبارەت، مەسىلەن ئەتراپتىكى توك قاچىلاش پونكىتىنى تېز سۈرئەتتە ئىزدەپ تېپىش، توك قاچىلاش تۈۋرۈكىدە بوش ئورۇن بار-يوقلۇقىنى بىلىش دېگەندەك. ھازىر بۇ مەسىلىلەرنى تېخىمۇ ياخشى ھەل قىلىش ئۇسۇلى بارلىققا كەلدى. توكلۇق ئاپتوموبىل ئىگىلىرى چىقىمداننىڭ شەھەر مۇلازىمىتى (城市服务) ئىچىدىكى «ئاپتوموبىلغا توك قاچىلاش پونكىتى (汽车充电站)» دېگەن تۈر ئارقىلىق، خەرىتە ۋە ھالقىلىق سۆزنىڭ ياردىمىدە يېقىن ئەتراپتىكى توك قاچىلاش پونكىتىنى تېز سۈرئەتتە ئىزدەپ تاپالايدۇ، يانفوندا توك قاچىلاش تۈۋرۈكىنى ئەمەلىي ئىشلىتىش ئەھۋالىنى تەكشۈرگىلى بولىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن ماشىنا ئىگىلىرى توك قاچىلاش پونكىتىغا بارماي تۇرۇپمۇ ئورۇن بار-يوقلۇقىنى تەكشۈرەلەيدۇ. 

تېخىمۇ قولايلىق بولغىنى، چىقىمدان ئارقىلىق توك قاچىلاش تۈۋرۈكىنى بىۋاستە قوزغاتقىلى ياكى توختاتقىلى بولىدۇ ھەمدە توك قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن توك قاچىلاش ھەققىنى تۆلىگىلى بولىدۇ. 

مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، «ئاپتوموبىلغا توك قاچىلاش پونكىتى» ناملىق مۇلازىمەتنى تېلەيدىيەن (特来电) تەمىنلىگەن، تېلەيدىيەن مەملىكەت دائىرىسىدە ئەڭ كۆپ توك قاچىلاش تۈۋرۈكى بار كارخانا. نۆۋەتتە بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭدۇڭ، جېجىياڭ قاتارلىق 25 ئۆلكە (بىۋاستە قاراشلىق شەھەر)دىكى 119 شەھەرنى قاپلىغان، دېمەك 119 شەھەردىكى 800 مىڭغا يېقىن توكلۇق ئاپتوموبىل ئىگىلىرى يۇقىرىقىدەك ئىزدەش، ھەق تۆلەش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمان بولالايدۇ. 

شەھەر مۇلازىمىتىدىن باشقا ئاپتوموبىل ئىگىلىرى يەنە ماي قاچىلاش مۇلازىمىتى (加油服务) ئىچىدىكى تېخىمۇ كۆپ ئاپتوموبىل ئىگىلىرى مۇلازىمىتى دېگەن تۈردىنمۇ ئاپتوموبىلغا توك قاچىلاش پونكىتى دېگەن تۈرنى تاپالايدۇ ياكى چىقىمداننىڭ ئىزدەش رامكىسىغا بىۋاستە «ئاپتوموبىلغا توك قاچىلاش پونكىتى (汽车充电站)» دېگەن خەتنى كىرگۈزۈپ ئىزدىسىمۇ بولىدۇ. 

يېڭى ئېنىرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ھازىر دۆلەت ئىستىراتېگىيەسىگە ئايلاندى، ئەمما توكلۇق ئاپتوموبىلغا توك قاچىلاش ئىزچىل تۈردە توك قاچىلاش تۈۋرۈكى يېتىشمەسلىك مەسىلىسىگە دۇچ كەلمەكتە، بۇ كەسىپنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەپ قويماقتا. بازاردىكى تۈرلۈك توك قاچىلاش تۈۋرۈكلىرىمۇ ھەرقايسى كارخانىلار ئۆزئالدىغا ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلات بولۇپ، ھەممىسى مۇستەقىل APP ئىشلىتىلىدۇ. ماشىنا ئىگىلىرى يانفونغا ئون نەچچە، ھەتتا 20 دانە APPنى قاچىلىغاندا ئاندىن يېقىن ئورۇندىكى ئوخشىمىغان كارخانىلارنىڭ توك قاچىلاش پونكىتىدە توك قاچىلىيالايدۇ.

تېلەيدىيەننىڭ مەسئۇلىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىم ئۇلار چىقىمدان بىلەن ھەمكارلىشىپ ماشىنا ئىگىلىرىنىڭ پەقەت بىرلا APP ئارقىلىق توك قاچىلاشنىڭ پۈتكۈل جەريانىنى تاماملىشىغا قولايلىق ياراتقان. 

چىقىمدان تەرەپنىڭ ئاشكارىلىشىچە، كەلگۈسىدە ئىككى تەرەپ ئۆزلىرىنىڭ ئەۋزەلىكىدىن پايدىلىنىپ تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىق ئۇسۇللىرىنى ئىزدەيدىكەن. مەسىلەن: توكلۇق ئاپتوموبىل ئىگىلىرى چىقىمدان ئارقىلىق توك قاچىلىسىلا، چۈمۈلە ئورمىنىدا يېشىل ئېنىرگىيە جۇغلىيالايدۇ، كۈمجۈت ئىناۋەت نومۇرى بەلگىلىك دەرىجىگە يەتكەندىن كېيىن ئالدىن توك قاچىلاپ كېيىن ھەق تۆلەش ئىمتىيازىغا ئىگە بولالايدۇ. «بىز مۇشۇ خىل ئۇسۇلدا تېخىمۇ كۆپ ئىشلەتكۈچىلەرنى ئېنىرگىيە تېجەپ، بۇلغىمىنى ئازايتىپ، يېڭى ئېنىرگىيەلىك ئاپتوموبىل ئىگىلىرى سېپىگە قوشۇلۇشىغا يېتەكلەشنى ئۈمىد قىلىمىز، شۇنداقلا تېخىمۇ كۆپ كارخانا، ھەمكارلاشقۇچىلارنىڭ بىزنىڭ سانائەت ھەمكارلىق ئېكولوگىيەرىمىزگە قوشۇلۇپ، يېڭى ئېنىرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاپ، ئېنىرگىيە بېسىمىنى يېنىكلىتىپ، مۇھىت بۇلغىنىشىنى ئازايتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.»



  

يانفۇندا كۆرۈش
    315