گۇگول شوپۇرسىز ئاپتوموبىللىرىنى تاكسى مۇلازىمىتىگە ئىشلەتمەكچى

تەھرىر: كارۋان   مەنبەسى:cnbeta.com   يوللانغان ۋاقتى:2017-01-11 21:59

بېتا تورىنىڭ 11-يانۋاردىكى خەۋىرى،

پەن-تېخنىكا تور بېكىتى eWeekنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، گۇگول 2016-يىلى 12-ئاينىڭ 22-كۈنى ئىلتىماس قىلغان بىر تۈرلۈك پاتېنتتا كۆرسىتىلىشىچە، يېقىنقى بىرقانچە ئايدا كەسپىي خادىملار پەرەز قىلغاندەك، گۇگول ئۆزىنىڭ شوپۇرسىز ئاپتوموبىللىرىنى تاكسى مۇلازىمىتىگە ئىشلىتىشنى ئويلىشىۋېتىپتۇ. «شوپۇرسىز ئاپتوموبىلنىڭ يولۇچى سېلىش ئورنى ۋە مەنزىلىگە ھۆكۈم قىلىش» ناملىق بۇ پاتېنتتا بىر سىستېما چۈشەندۈرۈلگەن بولۇپ، بۇ سىستېما شوپۇرسىز ئاپتوموبىلنىڭ يولۇچى بار ئورۇن ۋە يولۇچى بارماقچى بولغان ئورۇنغا بىخەتەر يېتىپ بارالايدىغان-بارالمايدىغانلىقىنى تەكشۈرۈپ، زۆرۈر بولغاندا يولۇچىغا زاپاس ئورۇننى تەۋسىيە قىلىدىكەن. 

پاتېنت ئىلتىماس ماتېرىيالىدا ئېيتىلىشىچە، شوپۇرسىز ئاپتوموبىللارنى تاكسى مۇلازىمىتىگە ئىشلىتىشتە بۇ تېخنىكا كەم بولسا بولمايدىكەن، چۈنكى شوپۇرسىز ئاپتوموبىللار شوپۇرلاردەك خالىغان ئورۇندا يول يۈرمەسلىكى مۇمكىن ئىكەن، مەسىلەن قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتقان ياكى قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىللىرى توختىتىپ قويۇلغان ئورۇن. ئەگەر يولۇچى بارماقچى بولغان ئورۇن شوپۇرسىز ئاپتوموبىلنىڭ يول يۈرۈشىگە ماس كەلمىسە، گۇگولنىڭ پاتېنتتىكى تېخنىكىسى مەنزىلگە يېقىن ئورۇننى تەۋسىيەلەپ بېرىدىكەن. 

باشقا نۇرغۇن شىركەتلەرگە ئوخشاش، بۇ پاتېنتمۇ گۇگولنىڭ مەھسۇلات ياكى مۇلازىمەتكە مۇناسىۋەتلىك تېخنىكىنى ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. ئەمما بۇ پاتېنتتا بايان قىلىنغان تېخنىكا گۇگولنىڭ شوپۇرسىز ئاپتوموبىلنى تاكسى مۇلازىمىتىگە ئىشلىتىدىغانلىقى ھەققىدىكى ئىلگىرى خەۋەرگە ماس كېلىدۇ. 

بۇلتۇر گۇگول كالفورنىيە ئىشتاتىدا سىناق قىلىش ۋە سەپەرداشلار مۇلازىمىتىنى سىناق قىلىشقا باشلىغان. گۇگول ئىسرائىلىيەدە ئىزچىل تۈردە مۇشۇ خىل مۇلازىمەتنى سىناق قىلىۋاتقان بولۇپ، تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە ئۇ پۈتۈن يەرشارىدىكى ھەرقايسى چوڭ شەھەرلەردە سەپەرداشلار مۇلازىمىتىنى يولغا قويۇشنى پىلانلىغان. ئەمما ھازىرغا قەدەر گۇگول شوپۇرسىز ئاپتوموبىلدىن پايدىلىنىپ تاكسى مۇلازىمىتىنى سىناق قىلمىدى ياكى ئوتتۇرىغا چىقارمىدى. 



  

يانفۇندا كۆرۈش
    315