فورد ئەڭ يېڭى تولۇق رەقەملىك كۆرسىتىش ئۈسكۈنىسى تاختىسى چىقاردى

تەھرىر: كارۋان   مەنبەسى:cnbeta.com   يوللانغان ۋاقتى:2017-01-11 21:52

بېتا تورىنىڭ 11-يانۋاردىكى خەۋىرى،

300 كىلومېتىرلىق سائەتلىك سۈرئەت كۆپ قىسىم كىشىلەرگە نىسبەتەن مۇمكىن بولمايدىغان ئىش، ئەمما دەرىجىدىن تاشقىرى سىپورت ئاپتوموبىلى شوپۇرلىرىغا نىسبەتەن بۇ ھەر ۋاقىت ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان دەقىقە ھېسابلىنىدۇ. ئەنئەنىۋى كۆرسىتىش ئۈسكۈنىلىرى گەرچە توغرا بولسىمۇ، ئەمما ئەڭ مۇھىم ئۇچۇرلارنى جانلىق كۆرسىتەلمەيدۇ. فورد 2017-يىللىق فورد GT ئاپتوموبىلىدا بىر يۈرۈش ئەڭ يېڭى رەقەملىك «ئەينەكلىك شوپۇرلۇق بۆلۈمچىسى» شەكلىدىكى كۆرسىتىش ئۈسكۈنىلىرى تاختىسىنى چىقاردى، ئۇ ھەم رەقەملىك شەكىلدىكى جانلىق ئەقلىي ئىقتىدارلىق كۆرسىتىش ئىقتىدارىغا ئىگە ھەم ئېنىقلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولغان مېخانىكىلىق كۆرسىتىش ئۈسكۈنىلىرى تاختىسىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ھازىرلىغان. 

بۇ كۆرسىتىش ئۈسكۈنىلىرى تاختىسى شوپۇرلۇق ھالىتى ۋە خوت ئورنىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن، شوپۇرلۇقتا ئەڭ دىققەت قىلىنىدىغان مۇھىم سانلىق مەلۇماتلارنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. فورد يېقىندا بۇ ئەڭ يېڭى ئاپتوماتىك رەقەملىك كۆرسىتىش ئۈسكۈنىلىرى تاختىسىنى كۆرگەزمە قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە كەلگۈسىدە فوردنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئاپتوموبىللىرىغا ئىشلىتىلىدۇ. فورد GTنىڭ رەقەملىك كۆرسىتىش ئۈسكۈنىلىرى تاختىسى گورزونتال كۆرسىتىدىغان بولۇپ، ئەپچىل لايىھەلەنگەن UI لايىھەسىگە 10 دىيۇملۇق ئېكران ئىشلىتىلگەن. ئاساسلىقى ماشىنىنىڭ شوپۇرلۇق ھالىتىگە ئاساسەن نورمال، نەم نەر، سىپورت، مۇسابىقە يولى، V-Max قاتارلىقلاردىن ئىبارەت بىرقانچە خىل كۆرسىتىش شەكلى بار، ماشىنىنىڭ شوپۇرلۇق ھالىتىنى رولدىكى ئالماشتۇرۇش كۇنۇپكىسى ئارقىلىق تېز سۈرئەتتە ئالماشتۇرۇشقا بولىدۇ، بۇ ۋاقىتتا رەقەملىك كۆرسىتىش ئۈسكۈنىلىرى تاختىسى دەرھال ماس ھالدىكى كۆرسىتىش ھالىتىگە ئالمىشىدۇ. 

مەسىلەن: مۇسابىقە يولى ھالىتىدە رەقەملىك كۆرسىتىش ئۈسكۈنىلىرى تاختىسى گورزونتال ھالەتتە ئاساسلىقى ماتورنىڭ سۈرئەت ئۆزگىرىشى ۋە خوت ئالمىشىش ئەھۋالىنى كۆرسىتىدۇ، بۇ ۋاقىتتا سائەتلىك سۈرئىتى رەقەملىك شەكىلدە سول ئۈستى تەرەپتە كۆرۈنىدۇ. چۈنكى مۇسابىقە يولىدا بەكرەك دىققەت قىلىنىدىغىنى خوت ئورنىنىڭ ئالمىشىشى. V-Max (ئەڭ چوڭ سۈرئەت ھالىتى)دە ئاساسلىقى سائەتلىك سۈرئىتى چوڭ سان شەكلىدە كۆرۈنىدۇ، گورزونتال ھالەتتە سۈرئەت ئۆلچىگۈچ سۈرئەت ئۆزگىرىشىنى كۆرسىتىپ تۇرىدۇ. 

1010.gif

گەرچە تەقلىدىي رەقەملىك كۆرسىتىش ئۈسكۈنىلىرى تاختىسى ماشىنا ھالىتىگە ئەگىشىپ جانلىق ئۆزگىرىپ تۇرسىمۇ، ئەمما نۆۋەتتە ئىختىيارىي تەڭشەشنى قوللىمايدۇ، چۈنكى رەقەملىك سىستېمىدا چوقۇم بەلگىلىك دەرىجىدە يېپىق ھالەتنى ساقلاپ قېلىش زۆرۈر. 

1012.gif



  

يانفۇندا كۆرۈش
    315