Fiat كرايسلېر: تاموژنا بېجى بەك يۇقىرى بولسا مېكسىكىدىن چېكىنىمىز

تەھرىر: كارۋان   مەنبەسى:finance.sina.com.cn   يوللانغان ۋاقتى:2017-01-10 16:21

سىنا تورى 10-يانۋار خەۋىرى،

رېيتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، Fiat–Chrysler ئاپتوموبىل شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى سېرگىيو مارچىئوننې (Sergio Marchionne) توققۇزىنچى يانۋار ئىپادە بىلدۈرۈپ، تىرامپ ھۆكۈمىتى مېكسىكىدا ئىشلەپچىقىرىلىپ ئامېرىكىغا ئىمپورت قىلىنغان ئاپتوموبىللاردىن زىيادە يۇقىرى تاموژنا بېجى ئالسا شىركەت مېكسىكىدىكى ئىشلەپچىقىرىشنى تامامەن توختىتىشى مۇمكىنلىقىنى ئېيتقان.

سېرگىيو دېترويت ئاپتوموبىل يەرمەنكىسىدە مۇخبىرغا: «بۇنداق ئېھتىماللىق بار، تاموژنا بېجى زىيادە يۇقىرى بولسا بىز مېكسىكىدىكى ئىشلەپچىقىرىشتىن چېكىنمىسەك بولمايدۇ» دېگەن.

تىرامپ 9-يانۋار ئەتىگەندە تىۋىتتېردا Fiat–Chrysler بىلەن فورد ئاپتوموبىل شىركىتىنى ماختاپ، ئۇلارنىڭ ئامېرىكىدا مەبلەغ سالغانلىقىغا رەھمەت ئېيتقان. 



  

يانفۇندا كۆرۈش
    315