چېۋرولىت «بولت» 2017-يىللىق شىمالىي ئامېرىكا ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىدە يىللىق پىكاپ مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

تەھرىر: كارۋان   مەنبەسى:news.xinhuanet.com   يوللانغان ۋاقتى:2017-01-10 15:53

شىنخۇا ئاگېنتلىقى 9-يانۋار خەۋىرى،

2017-يىللىق شىمالىي ئامېرىكا خەلقئارا ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسى 9-يانۋار ئامېرىكىنىڭ «ئاپتوموبىل شەھىرى» دېترويتتا باشلاندى. بۇ يىللىق شىمالىي ئامېرىكا ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسى يىللىق پىكاپ مۇكاپاتىغا چېۋرولىت «بولت» توكلۇق ئاپتوموبىلى ئېرىشتى.

ئۇنىڭدىن باشقا، خوندانىڭ Ridge line يىللىق يۈك ئاپتوموبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. Fiat-Chryslerنىڭ Pacificaسى يىللىق كۆپ ئىقتىدارلىق ئاپتوموبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

ھەممىباب ئاپتوموبىلچىلىقى دۇنيا مەھسۇلات تەرەققىيات بۆلۈمىنىڭ ئىجرائىيە مۇئاۋىن باش دېرىكتورىنىڭ مۇكاپات ئېلىش مۇراسىمىدا ئېيتىشىچە، ھەممىباب ئاپتوموبىلى ئاممىغا يۇقىرى قىممەتلىك ۋە سۈپەتلىك توكلۇق ئاپتوموبىل تەمىنلەشنى تىرىشقان، چېۋرولىت «بولت» ھەممىباب ئاپتوموبىلچىلىقىنىڭ مۇشۇ جەھەتتىكى دادىل ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىك سىنىقى ئىكەن.

1995-يىلىدىن باشلاپ، ئامېرىكا ۋە كانادادىن بولغان كەلگەن 50 نەپەر ئاپتوموبىل كەسپىي مۇخبىرىدىن تۈزۈلگەن مۇستەقىل باھالاش ئۆمىكى شىمالىي ئامېرىكا يىللىق پىكاپ مۇكاپاتى ۋە يۈك ئاپتوموبىلى مۇكاپاتىنى باھالىغان. ئۇلار ئاپتوموبىللارنى لايىھە، بىخەتەرلىك، مەشغۇلات، ئىجادىيلىق، ھەيدەشتىكى راھەتلىك دەرىجىسى ۋە ئىقتىدار-باھا نىسبىتى قاتارلىق تەرەپلەردىن باھالايدۇ، باھالاشقا قاتناشتۇرۇلغان ئاپتوموبىللار پۈتۈنلەي يېڭىچە پاسوندىكى ياكى زور دەرىجىدە ئۆزگەرتىلگەن ئاپتوموبىل بولۇشى كېرەك.

ئىگىلىنىشىچە، ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسى 22-يانۋارغىچە داۋاملىشىدىكەن، 9-يانۋاردىن 10-يانۋارغىچە مۇخبىرلارغا ئېچىۋېتىش كۈنى، 11-يانۋاردىن 12-يانۋارغىچە كەسپىي ساھەدىكىلەرگە ئېچىۋېتىش كۈنى، 13-يانۋار خەيرى-ساخاۋەت ئېكسكۇرسىيە كۈنى، 14-يانۋاردىن باشلاپ ئاممىغا ئېچىۋېتىلىدىكەن. ئۇيۇشتۇرغۇچى تەرەپنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ قېتىمقى ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىدە پۈتۈن دۇنيادا تۇنجى ياسالغان ئاپتوموبىل تىپى 40 خىلدىن ئاشىدىكەن.

شىمالىي ئامېرىكا خەلقئارا ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسى خەلقئارالىق يۇقىرى دەرىجىدىكى ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسى بولۇپ، فرانكفورت، جەنۋە، پارىژ ۋە توكيو خەلقئارا ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسى بىلەن ئوخشاش دەرىجىدە، پۈتۈن دۇنيا ئاپتوموبىل ساھەسىدە مۇھىم تەسىر كۈچى بار. شىمالىي ئامېرىكا خەلقئارا ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىنىڭ ئەسلى ئىسمى دېترويت ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسى بولۇپ، 1989-يىلى ئىسمىنى شىمالىي ئامېرىكا خەلقئارا ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىگە ئۆزگەرتكەن.



  

يانفۇندا كۆرۈش
    315