FIAT كرايسلېر ئاپتوموبىل شىركىتى ئامېرىكىغا بىر مىليارد دوللار مەبلەغ سالماقچى

تەھرىر: كارۋان   مەنبەسى:news.xinhuanet.com   يوللانغان ۋاقتى:2017-01-10 14:03


شىنخۇا تورى 10-يانۋار خەۋىرى،

شۇ يەر ۋاقتى 2017-يىلى 9-يانۋار، ئىتالىيە FIAT كرايسلېر ئاپتوموبىل شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى سېرگيو (Sergio Marchionne) ئامېرىكىنىڭ دېترويتتا ئۆتكۈزۈلگەن شىمالىي ئامېرىكا ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىدە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا قاتناشتى. 

FIAT كرايسلېر ئاپتوموبىل شىركىتى 8-يانۋار 2020-يىلىدىن بۇرۇن بىر مىليارد دوللار مەبلەغنى ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا جەنۇبىدىكى ئىككى ئورۇندىكى زاۋۇت ئەسلىھەلىرىگە ئىشلىتىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئىشلەپچىقىرىشقا ئالاقىدار 2000غا يېقىن ئىش ئورنى يارىتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. 

FIAT كرايسلېر ئاپتوموبىل شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى سېرگيو بىر باياناتىدا بۇ پىلاننىڭ پەقەت ئامېرىكىنىڭ كۈنسايىن ئېشىۋاتقان بازار ئېھتىياجىغا ياردەم بېرىپلا قالماستىن، تېخىمۇ مۇھىمى FIAT كرايسلېر چوڭ تىپتىكى ئاپتوموبىللىرىنى خەلقئارا بازارغا ئېكسپورت قىلىشقا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 




  

يانفۇندا كۆرۈش
    315