گېرمانىيە ۋولكسۋاگېن ئاپتوموبىلىنىڭ 2016-يىللىق سېتىلىشى ئاشتى

تەھرىر: كارۋان   مەنبەسى:news.xinhuanet.com   يوللانغان ۋاقتى:2017-01-10 13:40

شىنخۇا ئاگېنتلىقى 9-يانۋار خەۋىرى،

گېرمانىيە ۋولكسۋاگېن ئاپتوموبىل شىركىتىنىڭ 9-يانۋار جاكارلىشىچە، «كېرەكسىز گاز قويۇپ بېرىشتە ساختىلىق قىلىش سەتچىلىكى»نىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولسىمۇ، شىركەتنىڭ 2016-يىلى پۈتۈن دۇنيادىكى سېتىلىش مىقدارى يەنىلا ئاشقان.

ۋولكسۋاگېن ئاپتوموبىلى ئېلان قىلغان ئىستاتىستىكىلىق سانلارغا ئاساسلانغاندا، بۇ شىركەتنىڭ بۇلتۇرقى ئاپتوموبىل سېتىش مىقدارى 5 مىليون 990 مىڭ دانىگە يېتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن %2.8 ئاشقان.

بۇلتۇر ۋولكسۋاگېننىڭ ئامېرىكا ۋە غەربىي ياۋروپادىكى ئاپتوموبىل سېتىش مىقدارى تۆۋەنلىگەن، ئۇنىڭ ئىچىدە ئامېرىكا بازىرىدا %7.6 تۆۋەنلىگەن، غەربىي ياۋروپادا %2.0 تۆۋەنلىگەن، گېرمانىيە ئىچىدە %7.2 تۆۋەنلىگەن.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇلتۇر ۋولكسۋاگېننىڭ ئاسىيادىكى سېتىلىشى %11.8 ئاشقان، ئۇنىڭ ئىچىدە جۇڭگودىكى سېتىلىشى %14 ئاشقان، ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپادا %6.9 ئاشقان.

2015-يىلى 9-ئايدا ئامېرىكا مۇھىت ئاسراش مەھكىمىسى ۋولكسۋاگېن قارمىقىدىكى قىسمەن دىزېل يېقىلغۇلۇق ئاپتوموبىللارنىڭ كېرەكسىز گاز قويۇپ بېرىش سىنىقىدا ساختىلىق قىلغانلىقىنى ئەيىبلىگەن. «كېرەكسىز گاز قويۇپ بېرىشتە ساختىلىق قىلىش سەتچىلىكى»گە چېتىلغان ۋولكسۋاگېن دېزىل مېيىلىق ئاپتوموبىلنىڭ سانى تەخمىنەن 11 مىليون دانە بولغان. 



  

يانفۇندا كۆرۈش
    315