بېنىز BMWدىن ئېشىپ ئەڭ چوڭ ھەشەمەتلىك ئاپتوموبىل ياساش كارخانىسى بولدى

تەھرىر: كارۋان   مەنبەسى:finance.sina.com.cn   يوللانغان ۋاقتى:2017-01-10 12:13

سىنا تورى 10-يانۋار خەۋىرى،

رېيتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەڭ يېڭى سېتىلىش سانى سانلىق مەلۇماتلىرىدا دايىملېرنىڭ قارمىقىدىكى مېرسېدېس-بېنىز 11 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم BMWدىن ئېشىپ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ھەشەمەتلىك ئاپتوموبىل ياساش سودىگىرىگە ئايلانغان.

BMW ئاپتوموبىل شىركىتى 9-يانۋار ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2016-يىلى پۈتۈن دۇنيادىكى سېتىلىش مىقدارى 2 مىليون 3359 دانىگە يەتكەن. ئۇنىڭدىن بۇرۇن دايىملېرنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارىنىڭ جاكارلىشىچە، قارمىقىدىكى مېرسېدېس-بېنىزنىڭ 2016-يىللىق سېتىلىش مىقدارى 2 مىليون 83 مىڭ 888 دانىگە يەتكەن.

2005-يىلىدىن بۇيان BMW سېتىلىشى بېنىزدىن ئۇدا ياخشى بولۇپ كەلگەن، بېنىزنىڭ 2011-يىلىدىكى سېتىلىشى ھەتتا ئاۋدىدىنمۇ كېيىن قېلىپ، بىز مەزگىل ئۈچىنچى ئورۇنغا چۈشۈپ قالغان. 



  

يانفۇندا كۆرۈش
    315