سۈپەتلىك ھەم يارىشىملىق ئاياغ كىيگەن ئايال چوقۇم كۆرۈمسىز ئەمەس

تەھرىر: gulxan   مەنبەسى:تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە   يوللانغان ۋاقتى:2016-09-05 11:14

   ئېگىز پاشنىلىق ئۇچلۇق ئاياغ ئاياللارنىڭ گۈزەللىكى ھەم تەننازلىقىنى ئەڭ زور دەرىجىدە نامايان قىلىپ بېرىدۇ. مانولو بلاخنىك ئېيتقاندەك، ئاياللار ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيگەندىن كېيىن ئاۋازى ۋە يول ماڭغاندىكى ھالىتى تۈپتىن ئۆزگىرىپ كېتىدۇ. ئۇچلۇق ئاياغ پۇت سىزىقچىلىرىنى ئۇزۇن كۆرسىتىدۇ ھەمدە ئاياغ ئېغىزنىڭ تېيىز لايىھەسىدە پۇت دۈمبىسى ۋە ئوشۇقى روشەن گەۋدىلىنىدۇ. نەپىس ئىنچىكە پاشنىلىق ئاياغنى كېيىپ ماڭغاندا ھەر بىر قەدەم شۇنچىلىك نازۇك كۆرۈنىدۇ. بۇنداق ئاياغلارنى ئارتۇقچە زىننەتلەش بىھاجەت، ئاياغنىڭ ئىنچىكە پاشنىسى ۋە ئۇچلۇق ئۇچىلا بىزنى ئۆزىگە رام قىلىدۇ.

 
  

يانفۇندا كۆرۈش
    315