ئەنگلىيە ئايال پادىشاھىنىڭ ئائىلە مۇلازىمەتچىسى بولۇشنى خالامسىز؟

تەھرىر: gulxan   مەنبەسى:تەڭرىتاغ تورى   يوللانغان ۋاقتى:2016-09-05 11:11

   90 ياشلىق ئەنگلىيە ئايال پادىشاھى ئېلزابىتⅡ يەنە خادىم قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشىنى چىقاردى. بۇ قېتىم ئۇ ئائىلە مۇلازىمەتچىسى ياردەمچىسىنى قوبۇل قىلىدىكەن. چۈشىنىشىلىك قىلىپ ئېيتقاندا، بۇككىنخام ئوردىسى ئىچىنىڭ تازىلىقىنى قىلىشقا ياردەملىشىدىغان تازىلىقچى قوبۇل قىلماقچى ئىكەن. ئۇنىڭ خادىم قوبۇل قىلىش ئېلانىدا ئېيتىلىشىچە، قوبۇل قىلىدىغان ئائىلە مۇلازىمەتچىلىكى ياردەمچىسى ئەنگلىيەدىكى ئەڭ مەشھۇر تۇرالغۇ بۇككىنخام ئوردىسى ئىچىدىكى گىلەم، ئائىلە سايمانلىرى ۋە قەدىمىي يادىكارلىقلارنى تازىلاش ھەم ئاسراش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدىكەن.

   خادىم قوبۇل قىلىش ئېلانىدا بۇ ئائىلە مۇلازىمەتچىسى ياردەمچىسىنىڭ ساپاسى، ئوقۇش تارىخى ۋە خىزمەت تەجرىبىسىگە قارىتا ئالاھىدە تەلەپ قويۇلمىغان. پەقەت بۇ خادىمنىڭ ئۆز ئىشىنى ياخشى قىلىشى، ئۆز خىزمىتىدىن پەخرىلىنىشى ھەمدە ئالاقىگە ماھىر ۋە ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرۇش قابىلىيىتىنىڭ ياخشى بولۇشى تەلەپ قىلىنىدىكەن. قوبۇل قىلىنغان بۇ خادىم بۇككىنخام ئوردىسىدا تۇرمۇش كەچۈرىدىكەن.

 

 

  

يانفۇندا كۆرۈش
    315