دۇبەي شەھەر مەركىزىدە شوپۇرسىز يولۇچىلار ئاپتوموبىلى سىناق قىلىندى

تەھرىر: gulxan   مەنبەسى:تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە   يوللانغان ۋاقتى:2016-09-05 11:10

    1-سېنتەبىر، شوپۇرسىز يولۇچىلار ئاپتوموبىلى ئەرەب بىرلەشمە خەلپىلىكى دۇبەي شەھىرىنىڭ مەركىزىي رايونىدا سىناق قىلىندى.

   ئەرەب بىرلەشمە خەلپىلىكى دۇبەي تاشيول قاتناش باشقۇرۇش ئىدارىسى 31-ئاۋغۇست شوپۇرسىز يولۇچىلار ئاپتوموبىلىنىڭ 1-سېنتەبىردىن باشلاپ دۇبەي شەھەر مەركىزىدە بىر ئاي سىناق قىلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تەمىنلىگەن ۋىدىيودا كۆرسىتىلىشىچە، «EZ10» ناملىق بۇ 10 كىشىلىك شوپۇرسىز يولۇچىلار ئاپتوموبىلىنىڭ سىرتى تۆت چاسا شەكىللىك بولۇپ، ئاپتوموبىل ئالدى-كەينى دەپ بۆلۈنمەيدىكەن. بۇ تۈرنى دۇبەي تاشيول قاتناش باشقۇرۇش ئىدارىسى بىلەن ئىمار يەر-مۈلۈك شىركىتى بىرلىشىپ ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، بۇ دۇبەينىڭ يېڭى تىپتىكى ئەقلىي شەھەر بارپا قىلىش ئۈچۈن قوللانغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق كۆچمە ھەل قىلىش لايىھەسىنىڭ بىر قىسمى ئىكەن.

 
  

يانفۇندا كۆرۈش
    315