ما يۈن: 2017-يىلى كۆپ ساندىكى ئاق ياقىلىقلار ئىشسىز قالىدۇ

تەھرىر: كارۋان   مەنبەسى:toutiao.com   يوللانغان ۋاقتى:2017-01-11 19:44

 

بۈگۈنكى خەۋەرلەر تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: 

«2016-يىللىق پۇقراۋى ئىگىلىك كاپىتال مەبلىغى جياڭسۇ يىغىنى ۋە جياڭسۇ ئۆلكىلىك جېجياڭ سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 10 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنى»دا، ما يۈن باش تېمىلىق سۆز قىلىپ، ئۆزىنىڭ كەلگۈسى ئىقتىسادىي ۋەزىيەتكە قارىتا تەھلىلى ئۈستىدە ئورتاقلاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە «2017-يىلى كۆپ ساندىكى ئاق ياقىلىقلار ئىشسىز قالىدۇ» دېگەن قاراش كىشىنى ئەڭ ھەيران قالدۇردى. بۇنىڭ سەۋەبى: تېخنىكا شاللىمىغان تەقدىردىمۇ، قالاق ئىدىيە سېنى شاللىۋېتىدۇ.

 

ما يۈن يەنە 2017-يىلى ئۈستىدە مۇنداق بېشارەت بەردى: ئالدى بىلەن شۇم خەۋەرنى ئېيتاي، كەلگۈسىدىكى ئىقتىساد ئىنتايىن قىيىن. ئەمما خۇش خەۋەر شۇكى، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسىگە قىيىن. ئىنسانلار تارىختىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ كۆلەملىك تېخنىكىنىڭ زەربىسىگە ئۇچرايدىغان بولغاچقا، ئاق ياقىلىقلار دەپ قارالغان مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشىلەر خىزمىتىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ. كەلگۈسىدىكى 30 يىل تېخنىكا ۋە مەھسۇلاتنى بېرىكتۈرىدىغان قوللىنىش ئىنقىلابىنىڭ ھالقىلىق مەزگىلى، تېخنىكا خىزمەتنى تارتىۋالمىغان تەقدىردىمۇ، ۋاقتى ئۆتكەن قالاق ئىدىيە ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئازايتىۋىتىدۇ؛ ئېنتىرنېت كەسىپلەرگە ھۇجۇم قىلمىغان تەقدىردىمۇ، ئېنتىرنېتنى بىلمەسلىك كەسىپلەرگە زەربە بېرىدۇ، يېڭى تېخنىكا ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ۋەيران قىلمايدۇ، بەلكى تېخىمۇ كۆپ خىزمەت ئورنى يارىتىدۇ.

ماشىنا ئادەم ئادەمنىڭ ئورنىنى ئالالامدۇ دېگەن مەسىلە ئىزچىل كۆپچىلىك دىققەت قىلىدىغان ۋە ئەنسىرەيدىغان مەسىلە بولۇپ كەلمەكتە، ماشىنا ئادەمنىڭ ئىنسانلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشىمۇ ئىزچىل ئامېرىكىدىكى چوڭ كىنولارنىڭ باش تېمىسى بولماقتا، ئاق ياقىلىقلارنىڭ ئىشسىز قېلىشىدا تېخنىكا قىسمەن سەۋەب بولالايدۇ، تېخنىكىنىڭ شاللايدىغىنى تېخنىكىسى يوق كىشىلەردۇر، تېخنىكىسى بار كىشىلەر تېخنىكىنى كونترول قىلالايدىغان كىشىلەردۇر، ما يۈننىڭ «يېڭى تېخنىكا ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ۋەيران قىلمايدۇ، بەلكى تېخىمۇ كۆپ خىزمەت ئورنى يارىتىدۇ» دېگەن گېپى بەلكىم ھازىرقى مائارىپ، ھازىرقى ئىختىساسلىقلار قۇرۇلمىسى، ھازىرقى ئىشقا ئورۇنلىشىش قۇرۇلمىسى ئۈستىدە قايتا ئويلىنىش ۋە ئالدىن لايىھەلەش دېگەنلىك بولۇشى مۇمكىن، بولمىسا، شاللىنىش مۇقەررەر ئىش بولۇپ قالىدۇ.

 

شاللاش بۈگۈن باشلىنىدىغان ۋە ياكى بۈگۈنلا ئاياغلىشىدىغان ئىش ئەمەس، ئەمما قانداق قىلسام شاللىنىپ كەتمەيمەن دېگەن مەسىلە چوقۇم ئويلىشىدىغان مەسىلىدۇر.

2017-يىلى ئاق ياقىلىقلار شاللىنىپ كېتىدۇ، بۇنىڭدا ئىقتىسادىي قۇرۇلما تەڭشەش ئامىلى، ئىقتىسادىي شەكىلنى ئۆزگەرتىش ئامىلى، ئىقتىسادنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئامىلى، خەلقئارادىكى ئىقتىسادىي قورشاۋ شاھمات ئامىلى بار، ئەمما 2017- يىلى ئاق ياقىلىقلارنىڭ شاللىنىشى پەقەت بىر باشلىنىش، شاللاشنىڭ ئاياغلىشىشى ئەمەس، تەڭشەشنى تېزلىتىپ، ئۆزىمىزنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش بۇنىڭغا تاقابىل تۇرىدىغان تەدبىردۇر.

ما يۈننىڭ ئاق ياقىلىقلار شاللىنىدۇ دېگەن گېپىنى ئاڭلاپلا ئىدىيەدە قارشىلىشىشقا ئۆتمەسلىكىمىز، شۇنداقلا شۇ سەۋەبلىك ھۇدۇقۇپ كەتمەسلىكىمىز، بەلكى ئىشەنچىمىزنى چىڭىتىپ، تىرىشىپ ئالغا بېسىشىمىز كېرەك. 2017- يىلى ئاق ياقىلىقلار شاللىنىدىغان يىل، شۇنداقلا قايتا ھاياتلىققا ئېرىشىدىغان يىل بولۇشى مۇمكىن.



  

يانفۇندا كۆرۈش
    315