ئالدىنقى ھەپتە ئامېرىكىنڭ نېفىت زاپىسى ئاشتى

تەھرىر: كارۋان   مەنبەسى:oil.fx168.com   يوللانغان ۋاقتى:2017-01-11 19:42

FX168 ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى ئىلكان تورى تەرجىمىسى: ئامېرىكا نېفىت ئىلمىي جەمىيىتى (API) نىڭ 10-يانۋار ئېلان قىلغان دوكىلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئالدىنقى ھەپتە ئامېرىكىنىڭ خام نېفىت زاپىسى ئاشقان، بېنزىن ۋە چەككىلەنگەن ماي زاپىسىمۇ يۇقىرى ئۆرلىگەن.

  (API) نىڭ ئېلان قىلىشىچە، 6-يانۋارغىچە بولغان ھەپتىدە، ئامېرىكا خام نېفىت زاپىسى 1 مىليۇن 500 مىڭ باك ئېشىپ، 484 مىليۇن 300 مىڭ باكقا يەتكەن، تەھلىلچىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، 1 مىليۇن 200 مىڭ باك ئاشقان. كۇشىڭ خام نېفىت زاپىسى 187 مىڭ باك كېمەيگەن.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئالدىنقى ھەپتىلىك بېنزىن زاپىسى 1 مىليۇن 680 مىليۇن باك ئاشقان بولۇپ، تەھلىلچى1 مىليۇن 600 مىڭ باك ئاشىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگەن. ئالدىنقى ھەپتىلىك چەككىلەنگەن ماي زاپىسى 5 مىليۇن 484 مىڭ باك ئاشقان بولۇپ، تەھلىلچى 899 مىڭ باك ئاشىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگەن.

ئامېرىنىڭ ئالدىنقى ھەپتىدىكى كۈندىلىك نېفىت ئىمپورت مىقدارى 1مىليۇن 700 مىڭ باك ئاشقان بولۇپ، كۈنىگە 8 مىليۇن 800 مىڭ باكقا يەتكەن.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرپىدىن تەرجىمە قىلىنغان،قالايمىقان كۈچۈرۈشكە ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا  قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىندۇ.

 ئەسلى مەنبە :ئىلكان ئىقتىساد تورى

 




  

يانفۇندا كۆرۈش
    315