لىۋىيەنىڭ خام نېفىت ئىشلەپچىقرىش مىقدارى ئاشتى

تەھرىر: كارۋان   مەنبەسى:oil.fx168.com   يوللانغان ۋاقتى:2017-01-11 19:15

FX168 ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى ئىلكان تورى تەرجىمىسى: لىۋىيە دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى    (NOC) نىڭ ئەمەلدارىنىڭ 10-يانۋار بىلدۈرىشىچە، بۇ ھەپتىدە لىۋىيەنىڭ خام نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى كۈنىگە 708 مىڭ باكقا يەتكەن بولۇپ، 3 يىلدىن بۇيانقى يۇقىرى سەۋىيەنى ياراتقان، بىر يىلنىڭ ئالدىدا لىۋىيەنىڭ خام نېفىت ئىشلەپچىقرىش مىقدارى تۆۋەن بولۇپ، كۈنىگە ئاران 200 مىڭ باك ئىشلەپچىقىرىدىكەن.
OPEC لىۋىيەنىڭ دۆلەت ئىچى توقۇنىشى سەۋەبىدىن نېفىت ئىشلەپچىقرىش مىقدارىنىڭ كېمىيىپ كەتكەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، لىۋىيە بىلەن نېگىرىيەنىڭ نېفىت مەھسۇلات  مىقدارىنى كېمەيتىشىنى بىكار قىلغان.

تەپسىلاتلارغا ئاساسلانغاندا، ئۆتكەن يىلى 11-ئايدا لىۋىيەنىڭ كۈندىلىك ئوتتۇرىچە ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 575 باك بولغان، بىراق لىۋىيە دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى 2017-يىللىق خام نېفىت مەھسۇلات مىقدارىنىڭ كۈنىگە 900 مىڭ باك بولىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگەن.
 ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرپىدىن تەرجىمە قىلىنغان،قالايمىقان كۈچۈرۈشكە ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا  قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىندۇ.

ئەسلى مەنبە :ئىلكان ئىقتىساد تورى



  

يانفۇندا كۆرۈش
    315