پۇل مۇئامىلە بازىرىدا زور دەرىجىدە داۋالغۇش يۈز بېرىشى مۇمكىن

تەھرىر: كارۋان   مەنبەسى:ئىلكان تورى   يوللانغان ۋاقتى:2017-01-11 18:47

1-FX168 تورى خەۋرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى 1-ئاينىڭ 12-كۈنى) پەيشەنبە( ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامىپ (Donald Trump)  11-ئايدىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق مۇخبىرلار يىغىنى ئۆتكۈزىدۇ؛ بۇنىڭدىن ئىلگىرى مەبلەغ سالغۇچىلار ئېھتىياتچان پوزىتسىيىسىنى ساقلىسا، دوللارنى بىر سېۋەت ئاساسلىق پۇللارغا ئالماشتۇرۇش  پېرېۋوت باھاسىدا دېگۈدەك ئۆزگىرىش بولدۇ، لېكىن سەيشەنبە كۈنى مېكسىكا پىسوسى تۆۋەن نۇقتىنى ياراتتى. بازار ئۇنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادىي سىياسىتىگە بولغان ئوي- پىكىرگە، يەنى باج ئىسلاھاتى ۋە ئاساسىي قۇرۇلۇش چىقىمى پىلانى قاتارلىق ئەھۋاللارغا نىسبەتەن دىققەت قىلىدۇ. شۈبھىسىزكى، تىرامىپ بىلەن باشقا دۆلەتلەرنىڭ مۇناسىۋىتىگە نىسبەتەن سىياسەت ۋە ئىقتىسادىنىڭ تەسىرى بولسا غايەت زور بولدۇ، ھەمدە پۇل مۇئامىلە بازارلىرىدا زور دەرىجىدە داۋالغۇش پەيدا بولۇشى مۇمكىن.

تىرامىپ 11-ئاينىڭ 8-كۈنى زۇڭتۇڭ بولغاندىن بۇيان، دوللار كۆرسەتكۈچى %4 كە يېقىن ئۆرلىدى، چۈنكى ئۇ ۋەدە بەرگەن مالىيەنى جانلاندۇرۇش پىلانى پۇل پاخاللىقى ۋە ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى ئۆرلىشىگە تۈرتكە بولدى، بۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ئۆسۈم ئۆستۈرۈش قەدىمى تېخىمۇ تېزلەشتى. لېكىن، تىرامىپنىڭ مۇخبىرلار يىغىنىدىن بۇرۇنقى ئېنىقسىزلىقى سەۋەبىدىن، دوللارنى باشقا ئالماشتۇرۇش پېرېۋوت باھاسىدا ئۆزگىرىش بولمىدى. 

دۇنيا بانكىسى (WB) تۈنۈگۈن مۇنۇلارنى بىلدۈردى، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامىپنىڭ باجنى كېمەيتىش ۋە چىقىم پىلانى ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادىنى كۈچلەندۈرىدىغان ئوكۇل بولۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرىدۇ، لېكىن ئۇنىڭ سودا سىياسىتىنىڭ ئېنىقسىزلىقى خەۋپ - خەتەرنى كۈچەيتتى.

دوللار دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك پۇل بولۇپ، باشقا ھەر قانداق ئاساسلىق دۆلەتلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىش قەدىمى تېخىمۇ تېز، ھەم كىشىنى تېخىمۇ قايىل قىلىدۇ. ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى ئۆسۈم قوشۇشقا باشلىدى، ئەمما باشقا مەركىزى بانكىلار يەنىلا ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىپ، تېز سۈرئەتتە قەغەز پۇل بېسىشقا باشلىدى. 




  

يانفۇندا كۆرۈش
    315