2016-يىلى كورېيەدىكى ئىشسىزلارنىڭ سانى تۇنجى قېتىم بىر مىليوندىن ئېشىپ كەتتى

تەھرىر: كارۋان   مەنبەسى:finance.sina.com.cn   يوللانغان ۋاقتى:2017-01-11 18:29

سىنا تورى 11-يانۋار خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
11-يانۋار كورىيە ئىستاتىستىكا نازارىتى «2016-يىلى 12-ئايلىق ۋە  يىللىق خادىم ياللاش يۈزلىنىشى»نى ئېلان قىلدى، كۆرسىتىلىشىچە، بۇلتۇر كورېيەدىكى ئىشسىزلارنىڭ سانى تۇنجى قېتىم بىر مىليوندىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، 15 ياشتىن 29 ياشقىچە بولغان ياشلارنىڭ ئىشسىزلىق نىسبىتى يەنە بىر قېتىم يېڭى رېكورت ياراتقان.
سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇلتۇر كورېيەدىكى ئىشسىزلار بىر مىليون 102 مىڭ كىشىگە يەتكەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن  36 مىڭ كىشى كۆپەيگەن. بۇ 2000-يىلى ئىشسىز نوپۇسلارنى ئىستاتىستىكا قىلىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتكەندىن بۇيان تۇنجى قېتىم بىر مىليون ئادەمدىن ئېشىپ كېتىش ھېسابلىنىدۇ. يىل بويى ئىشسىزلىق نىسبىتى %3.7 بولغان بولۇپ، 2010-يىلىدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى رېكورتنى ياراتقان.
بۇنىڭ ئىچىدە ياشلارنىڭ ئىشسىزلىق نىسبىتى %9.8كە يەتكەن بولۇپ، 2015 ـ يىلى ٪9.2كە يەتكەندىن كېيىن يەنە بىر قېتىم يېڭى رېكورت ياراتقان.
ئۆتكەن يىلى كورېيەدىكى ئىشقا ئورۇنلاشقان ئاھالىلەر 26 مىليون 235 مىڭ كىشىگە يەتكەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 299 مىڭ كىشى كۆپەيگەن، بۇ كورېيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇلتۇر 6-ئايدا ئېلان قىلغان ئىقتىسادىي سىياسەت يۆنىلىشىدە ئوتتۇرىغا قويغان 300 مىڭ كىشىلىك نىشانىدىن تۆۋەن بولغان، لېكىن ھۆكۈمەتنىڭ بۇلتۇر يىل ئاخىرىدىكى مۆلچەرى 290 مىڭ كىشىدىن يۇقىرى بولغان.
يەنە بىر تەرەپتىن، بىر يىلنى ئۆلچەم قىلغاندا بۇ 2009-يىلىدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن ئېشىش نىسبىتى ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭدىن بۇرۇن، كورېيەدىكى ئىشقا ئورۇنلاشقان نوپۇسنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئېشىش نىسبىتى 2013-يىلى 386 مىڭ كىشىدىن 2014-يىلى 533 مىڭ كىشىگە كۆپەيگەندىن كېيىن، 2015-يىلدى 337 مىڭ كىشىگە ئازايغان.



  

يانفۇندا كۆرۈش
    315