خەلىقئارا
  • ئىران خەلقى ئوت ئاپىتى سەۋەبىدىن بىنا ئۆرۈلۈش ھادىسىسىدە قازا قىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈردى

    خەلقئارا خەۋەرلەر تورى، شۇ يەر ۋاقتى 2017-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى، ئىراننىڭ تېھران شەھىرىدىكى خەلق ئاممىسى ئوت ئاپىتى سەۋەبىدىن بىنا ئۆرۈلۈش ھادىسىسىدە قازا قىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈرگەن. 1-ئاينىڭ 19-كۈنى، تېھراندىكى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە بىر بىنا ئوت ئاپىتى سەۋەبىدىن ئۆرۈلۈپ چۈشكەن بولۇپ، ھادىسىدە تەخمىنەن 20 نەپەر ئوت ئۆچۈرگۈچى قازا قىلغان.

  • پاپۇئا يېڭى گىۋىنىيەسى دېڭىز تەۋەلىكىدە 5.2 بال يەر تەۋرىدى

    ۋاڭيى تورى خەۋىرى، ئامېرىكا گېئولوگىيىلىك چارلاش ئىدارىسى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بېيجىڭ ۋاقتى 1-ئاينىڭ 21-كۈنى سائەت 9:25 لەر ئەتراپىدا، پاپۇئا يېڭى گىۋىنىيەسى دېڭىز تەۋەلىكىدە 5.2 بال يەر تەۋرىگەن بولۇپ، تەۋرەش چوڭقۇرلۇقى 35 كىلومېتىرغا يەتكەن، ھازىرچە دېڭىز تاشقىنى يۈز بەرگەنلىكى توغرىسىدا ھېچقانداق مەلۇمات تاپشۇرىۋېلىنمىغان.

  • فىرانسىيەنىڭ تاشلىۋېتىلگەن سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى ئوكيان چارلىغۇچى پاراخوتى

    يەرشارى تورىنىڭ 21-يانۋاردىكى خەۋىرى، ئىلگىرى «سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى» مەزگىلىدە غەرب ئەللىرىنى قوغدىغان فىرانسىيەنىڭ «كولبېرت» ناملىق ئوكيان چارلىغۇچى پاراخوتى نەچچە يىل تاشلىۋېتىلگەن بولۇپ، داتلىشىپ كەتكەن، يېقىندا كۆيدۈرۈپ يىغىۋېلىنىدۇ. بۇ ئوكيان چارلىغۇچى پاراخوتنىڭ ئۈستىدە يەنە داتلىشىپ كەتكەن نۇسخىلانغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە چىش كېسەل

  • ئامېرىكا ئورمانلىقىدا ئىككى بۇغا سوقۇشۇۋاتقاندا مۈڭگۈزى كىرىشىپ قېلىپ ئۆلۈپ كەتتى

    تېڭشۈن تورى خەۋىرى، ئەنگىلىيە «پوچتا گېزىتى»نىڭ 1-ئاينىڭ 18-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكىنىڭ مىسسۇرى شىتاتى مونتگومېرىي ناھىيەسىدىكى ساراھ ئاندېرسون (Sarah Anderson) ئىسىملىك بىر ئايال ئورمانلىقتا ئات مىنىپ كېتىۋاتقاندا، مۈڭگۈزلىرى بىر-بىرىگە كىرىشىپ قالغان 2 بۇغىنىڭ جەسىتىنى بايقىغان. ساراھ بۇ مەنزىرىنى 2016-يىلى 12-ئايدا كۆرگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئە

  • ئەنگىلىيە خان جەمەتى 2016-يىلى قوبۇل قىلىنغان سوۋغاتلار تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى

    يەر شارى تورى خەۋىرى، شۇ يەر ۋاقتى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى، ئەنگىلىيە خان جەمەتى 2016-يىلى قوبۇل قىلىنغان سوۋغاتلار تىزىملىكىنى ئېلان قىلغان. ئەنگىلىيە ئايال پادىشاھى ئۆتكەن يىلى 90 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزگەن بولغاچقا، خان جەمەتى قوبۇل قىلغان سوۋغاتلار بىرقەدەر كۆپ بولغان. بۇ سوۋغاتلار ئىچىدە، رەڭلىك بېلىق، ۋىسكى، قىزىل ھاراق، سالات قاچىسى، ساياھەتتە

  • ئابې شىنزو تىرامپنىڭ ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ۋەزىپسىگە ئولتۇرغانلىقىنى تەبرىكلىدى

    جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ21-يانۋاردىكىخەۋىرى، ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ياپونىيە باش ۋەزىرى ئابې شىنزو 21-يانۋار كۈنى سەھەردە تىرامپقا تەبرىك تېلىگراممىسى يوللاپ، تىرامپنىڭ ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ۋەزىپىسىگە ئولتۇرغانلىقىنى تەبرىكلىگەن شۇنداقلا ياپونىيە-ئامېرىكىدىن ئىبارەت ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى سۆھبىتىنى بالدۇرراق ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، پۈتكۈل د

  • دەريادىن ئۆتمەكچى بولغان ئاۋستىرالىيەلىك ئەر تىمساھ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ قازا قىلدى

    ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 1-ئاينىڭ 19-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، شۇ يەر ۋاقتى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت تۆتتە، ئاۋىستىرالىيىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى كاكادۇ دۆلەتلىك باغچىسى (Kakadu National Park) ئەتراپىدا، 47 ياشلىق بىر ئەر دەريادىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا تىمساھ تەرىپىدىن چىشلەپ سۇغا سۆرەپ كىرىپ كېتىلگەندىن كېيىن يوقاپ كەتكەن. شۇ كۈنى كەچ سائەت يە

  • تۇنجى ياپونىيە ئايروپىلانىنىڭ پۈتۈش ۋاقتى 2020-يىلىغا كېچىكتۈرۈلدى

    سىنا تورى 20-يانۋار خەۋىرى، كيودو ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مىتسۇبىشى ئېغىر سانائەت شىركىتى 20-يانۋار بالا شىركەت مىتسۇبىشى ئايروپىلان ياساش شىركىتى ياسىغان تۇنجى ياپونىيەدە ئىشلەنگەن رېئاكتىۋ تارماق لىنىيەلىك يولۇچىلار ئايروپىلانى «MRJ»نى تاپشۇرۇش ۋاقتىنى ئەڭ كۆپ بولغاندىمۇ ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ، 2020-يىلىنىڭ ئوتتۇرىدا تاپشۇرۇشنى ئاساسەن قارار قىلغ

  • تىرامپنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش كۈنىدە ھاۋا تۇتۇلۇپ، ۋاشىنگىتون كوچىلىرىدا ئاگاھلاندۇرۇش كۈچەيتىلدى

    تىرامپ ھاۋا تۇتۇق كۈندە قەسەم بېرىپ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇپ ئامېرىكا زۇڭتۇڭىغا ئايلاندى. 20-يانۋار كۈنى، ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگىتوننىڭ كوچىلىرىدا ئاگاھلاندۇرۇش كۈچەيتىلىپ قاتتىق ئېھتىيات كۆرۈلگەن بولۇپ، لېكىن بۇ كۈنى كەيپىيات ناھايىتى سوغۇق ھەم بوشاڭ ئىدى. تىرامپنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمىدا سۆزلىگەن نۇتۇقى يەنىلا «ئامېرىكا بىرىنچى» ۋە «ئامېرىكىنى ي

  • ئامېرىكا ماللىرىنى ئىشلىتىشكە چاقىرغان تىرامپنىڭ شەپكىسى جۇڭگو مېلى چىقتى

    تېڭشۈن تورى خەۋىرى، «بىز مۇنۇ ئەڭ ئاددىي ئىككى پىرىنسىپقا رىئايە قىلىشىمىز كېرەك، يەنى ئامېرىكىنىڭ تاۋارلىرىنى سېتىۋېلىش، ئامېرىكىلىق ئىشچىلارنى ئىشلىتىش» دېدى تىرامپ 20-يانۋاردىكى ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش نۇتۇقىدا، نەق مەيداندىكى نۇرغۇن قوللىغۇچىلار ھاياجانلانغىنىدىن «ئامېرىكىنى قايتىن بۈيۈك قىلىپ چىقايلى» دېگەن خەت بېسىلغان شەپكىنى پۇلاڭلاتتى. بىراق ك

  • ئىتالىيەدىكى قار كۆچكۈنىدە كۆمۈلۈپ قالغان مېھمانسارايدا 8 ھايات قالغۇچى بايقالدى

    شۇ يەر ۋاقتى 2017-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى، ئىتالىيە قۇتقۇزۇش تارماقلىرى قار كۆچكۈنىدە كۆمۈلۈپ قالغانلارنى قۇتقۇزۇش خىزمىتىدە يېڭى ئىلگىرلەشلەر بولغانلىقىنى، ھادىسە يۈز بېرىپ 40 سائەتتىن كېيىن، كىشىلەرنىڭ ھايات قالغۇچىلارنى تېپىش ئۈمىدى يوقاپ كېتەي دېگەن پەيتتە قۇتقۇزغۇچى خادىملارنىڭ 2 بالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 8 ئادەمنى قۇتقۇزۇپ چىققانلىقىنى بىلدۈرگەن. سۈرە

  • سېمىز بولغانلىقتىن يىگىتىنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغان قىز 65 كىلوگرام ئورۇقلىدى

    ئاۋىستىرالىيەلىك ھايلەي ۋەستوبي كونا مۇھەببىتى تەرىپىدىن سېمىز دەپ ئەيىبلەنگەندىن كېيىن، ھەم بەدەن شەكلىنى ھەم ھاياتىنى ئۆزگەرتىشكە بەل باغلىغان. ھازىر 25 ياشلىق ھايلەي ئالىي مەكتەپكە چىققان تۇنجى يىلى زىيادە ئويلىماي، ئالدىغا كەلگەننى خالىغانچە يەپ سەمىرىپ كەتكەنىدى. ياش قىز پەقەت بىر يىلدىلا 116 كىلوگرامغا يەتتى. باشتا نىشانى پەقەت تۆت ئايدا بەش كىلو

  • كانادا شىركىتى ئوكسىدلىنىپ رەڭگى ئۆزگەرمەيدىغان ئالما ئۆستۈردى

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى 21-يانۋار خەۋىرى، كانادادىكى بىر شىركەت ئوكسىدلىنىپ رەڭگى ئۆزگەرمەيدىغان گېن كۆچۈرۈلگەن «شىمالىي قۇتۇپ ئالمىسى» ئۆستۈرگەن بولۇپ، كېلەر ئايدا ئامېرىكا ۋە كانادا بازىرىغا سېلىنىدۇ. ئالما كېسىلگەن، چىشلەنگەن ياكى زەخملەنگەندىن كېيىن رەڭگى ئۆزگىرىپ قالىدۇ، چۈنكى ئۇنىڭدا پولىفېنول ئوكسىدازا بار، ئۇ ھاۋا بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن ئوكسىد

  • رۇسىيەدە ياسالغان Kilo دەرىجىلىك 6-سۇ ئاستى پاراخوت ۋېيتنامغا يېتىپ باردى

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى 20-يانۋار خەۋىرى، ۋېيتنام رۇسىيەدىن زاكاز قىلىپ سېتىۋالغان ئالتىنچى Kilo دەرىجىلىك «Baria Vun-Tau» ناملىق سۇ ئاستى پاراخوت 20-يانۋار ۋېيتنامنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى Tinh Dǎc Nông ئۆلكىسى Cam Ranh قولتۇقىغا يېتىپ باردى. ۋېيتنام ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋېيتنام رۇسىيەدىن جەمئىي ئالتە دانە Kilo دەرىجىلىك 636 تىپلىق سۇ ئاستى پاراخوتى زاكاز قىلىپ س

  • ئوباما ئاق سارايدىن ئايرىلىپ، يېڭى تۇرالغۇسىغا كۆچۈپ كىرىشكە تەييارلاندى

    يەر شارى تورى خەۋىرى، شۇ يەر ۋاقتى 2017-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى، ئوباما ئاق ساراي بىلەن خوشلىشىپ، يېڭى ئۆيىگە كۆچۈشكە تەييارلاندى. بۇ كۈنى ئۆي كۆچۈش شىركىتىدىكىلەرمۇ ئۇنىڭ نەرسىلىرىنى يېڭى ئۆيىگە ئېلىپ بېرىپ بولغانىدى. ئوبامانىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنىڭ ئاخىرلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئۇنىڭ ئاق ساراينىڭ تېمىغا ئېسىقلىق تۇرغان سۈرىتىمۇ ئېلىۋېتىلىپ، پەقەت سۈرەت رامكى