كوتىدىۋوردىكى ئېغىر قاتناش ھادىسىسىدە يۈز نەچچە ئادەم تالاپەتكە ئۇچرىدى

تەھرىر: كارۋان   مەنبەسى:news.xinhuanet.com   يوللانغان ۋاقتى:2017-01-12 00:04

شىنخۇا تورى خەۋىرى،

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 11-يانۋار ئابىدجاندىن بەرگەن خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، كوتىدىۋور تاراتقۇلىرىنىڭ 11-چېسلادىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بىر ئۇزۇن يوللۇق ئاپتوبۇس 10-چېسلا سەھەردە كوتىدىۋورنىڭ ئىقتىسادىي پايتەختى ئابىدجان شەھەر ئەتراپىدىكى بىر جىلغىغا چۈشۈپ كېتىپ، 7 ئادەمنىڭ قازا قىلىشى، 104 كىشىنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە 30 ئادەمنىڭ يارىسى ئېغىر ئىكەن.

شۇ جايدىكى تاراتقۇلار كوتىدىۋور ئوت ئۆچۈرۈش-قۇتقۇزۇش خادىملىرىنىڭ گېپىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر بېرىشىچە، 10-چېسلا سائەت 6 ئەتراپىدا ئابىدجاندىن قوشنا دۆلەت بۇركىنافاسونىڭ پايتەختى ۋاگادۇگۇغا بارىدىغان يولۇچىلار ئاپتوبۇسى ئابىدجاننىڭ غەربىي شىمالىدىكى بىر تۆت كوچا ئېغىزىدا ماشىنىنى يانداۋاتقاندا كونتروللۇقىنى يوقىتىپ يول يېنىدىكى جىلغىغا چۈشۈپ كېتىپ 4 ئادەم نەق مەيداندا ئۆلگەن، 104 ئادەم يارىلانغان.

خەۋەر قىلىنىشىچە، يارىدارلار ۋاقتىدا يېتىپ كەلگەن ئوت ئۆچۈرۈش-قۇتقۇزۇش خادىملىرى تەرىپىدىن يوپوگون رايونلۇق داۋالاش مەركىزىگە ئاپىرىلىپ داۋالانغان. ھازىرغا قەدەر 3 ئادەم يارىسى ئېغىر بولغانلىقى سەۋەبىدىن داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلغان.

تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ دەسلەپكى قەدەمدە ھۆكۈم قىلىشىچە، بۇ 70 كىشىلىك يولۇچىلار ئاپتوبۇسى زىيادە نورمىدىن ئاشۇرۇپ ئادەم سالغان، يەنە كېلىپ يۈك-تاق ئېشىپ كەتكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە شوپۇرنىڭ سەۋەنلىكى سەۋەبىدىن يولۇچىلار ئاپتوبۇسى كونتروللۇقىنى يوقىتىپ جىلغىغا چۈشۈپ كەتكەن.

كوتىدىۋور ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئىستاتىستىكا قىلىشىغا ئاساسلانغاندا، كوتىدىۋوردا ھەر يىلى تەخمىنەن 600چە ئادەم قاتناش ۋەقەسىدە ئۆلۈپ كېتىدىكەن، ئۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى شوپۇرلارنىڭ سەۋەبى، يول ئەھۋالىنىڭ بىر قەدەر ناچار بولۇشى ۋە قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ كاشىلىسى قاتارلىقلار ئىكەن.



  

يانفۇندا كۆرۈش
    315