24 سائەت ئىچىدىكى 10 چوڭ خەلقئارا خەۋەر: 11-يانۋار

تەھرىر: كارۋان   مەنبەسى:news.xinhuanet.com   يوللانغان ۋاقتى:2017-01-12 00:01

1. جۇڭگو ھۆكۈمىتى تۇنجى قېتىم ئاسىيا-تىنچ ئوكيان بىخەتەرلىك ھەمكارلىق سىياسىتى توغرىسىدا ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلدى 

گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 11-يانۋار «جۇڭگونىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان بىخەتەرلىك ھەمكارلىق سىياسىتى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلدى. ئاق تاشلىق كىتابتا، جۇڭگونىڭ رايوندىكى دۆلەتلەر بىلەن ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاسىيا-تىنچ ئوكياننىڭ تىنچ ۋە مۇقىم بولغان ئىقتىسادى ئاساسىنى مۇستەھكەملەشنى؛ ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاسىيا-تىنچ ئوكياننىڭ تىنچ ۋە مۇقىم بولغان سىياسىي ئاساسىنى پۇختىلاشنى؛ نۆۋەتتە بار بولغان كۆپ تەرەپلىك مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاسىيا-تىنچ ئوكياننىڭ تىنچ ۋە مۇقىم بولغان رامكا تېرىكىنى مۇستەھكەملەشنى؛ قائىدە قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاسىيا-تىنچ ئوكياننىڭ تىنچ ۋە مۇقىم بولغان تۈزۈم كاپالىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى؛ ھەربىي ئالاقە جەھەتتە زىچ ھەمكارلىشىپ، ئاسىيا-تىنچ ئوكياننىڭ تىنچ ۋە مۇقىم بولغان كاپالەت كۈچىنى كۈچەيتىشنى؛ ئىختىلاپ ۋە زىددىيەتلەرنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، ئاسىيا-تىنچ ئوكياننىڭ تىنچ ۋە مۇقىم بولغان ياخشى مۇھىتىنى قوغداشنى خالايدىغانلىقى ئېيتىلغان. 

2. ئوباما خوشلىشىش نۇتۇقى سۆزلەپ، ئامېرىكىنىڭ خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى 

ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىش ئالدىدا تۇرغان ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما 10-يانۋار كەچتە چىكاكودا بىر سائەتكە يېتىدىغان خوشلىشىش نۇتۇقى سۆزلىدى. ئۇ نۇتۇقىدا، ئىرقچىلىقنىڭ يەنىلا ئامېرىكىدىكى «بۆلگۈنچى كۈچ» ئىكەنلىكى، ئامېرىكىنىڭ خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. 

3. ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى جۇڭگو خەلق پۇلىنىڭ كۇرسىنى چۈشۈرۈش ئارقىلىق ئادىل بولمىغان سودا ئەۋزەللىكىگە ئېرىشمىدى دېدى 

ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى ياكوبنىڭ 10-يانۋار بىلدۈرۈشىچە، ئۆتكەن 18 ئايدا جۇڭگونىڭ خەلق پۇلىنىڭ پېرېۋوت نىسبىتىنى قوغداش ئۈچۈن قوللانغان تەدبىرلىرىدىن قارىغاندا، جۇڭگو خەلق پۇلىنىڭ كۇرسىنى چۈشۈرۈش ئارقىلىق ئادىل بولمىغان سودا ئەۋزەللىكىگە ئېرىشىشنى ئىزدىمىگەن. 

4. رۇسىيە 155 غەيرىي ھۆكۈمەت تەشكىلاتىنىڭ «چەتئەلنىڭ ۋاكالەتچىسى» ئىكەنلىكىنى بېكىتتى 

رۇسىيە ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ 10-يانۋار ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىشىچە، رۇسىيە غەيرىي ھۆكۈمەت تەشكىلاتى سىۋېرلوسك ئوبلاستلىق قانۇنلۇق كۆچمەن بولۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى تەشكىلاتىنى «چەتئەلنىڭ ۋاكالەتچىسى» تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن. بۇنىڭ بىلەن، رۇسىيەدە 155 غەيرىي ھۆكۈمەت تەشكىلاتى «چەتئەلنىڭ ۋاكالەتچىسى» دەپ بېكىتىلگەن. 

5. پاك گۆنھيېنىڭ «يېقىنلىرىنىڭ ھاكىمىيەتكە ئارىلىشىۋېلىش سەتچىلىكى»گە چېتىشلىق سامسۇڭ «شاھزادىسى» ئەيىبلىنىشى مۇمكىن 

كورېيە تاراتقۇلىرىنىڭ 10-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، زۇڭتۇڭ پاك گۆنھيېنىڭ «يېقىنلىرىنىڭ ھاكىمىيەتكە ئارىلىشىۋېلىش سەتچىلىكى»گە چېتىلىپ قالغانلىقتىن، تەپتىش تارماقلىرى سامسۇڭ ئېلېكتىرونىنىڭ مۇئاۋىن جەمئىيەت باشلىقى، سامسۇڭ گۇرۇھىنىڭ ئەمەلىي كونترول قىلغۇچىسى لى جېييوڭنى يالغان گۇۋاھلىق بېرىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەشنى ئويلاشماقتا ئىكەن. تەپتىش تارماقلىرى لى جېييوڭ پاك گۆنھيېنىڭ سىردىشى چوي سۇنسىل قۇرغان ئىككى پايدا ئالمايدىغان فوندى جەمئىيەتكە پۇل ئىئانە قىلىپ، بىر تۈرلۈك سېتىۋېلىش دېلوسىدا  پاك گۆنھيېنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرگەن دەپ گۇمان قىلغان. بۇ سېتىۋېلىش دېلوسى لى جېييوڭنىڭ سامسۇڭ گۇرۇھىنىڭ باشقۇرۇش ھوقۇقىغا ۋارىسلىق قىلىپ، گۇرۇھنى كونترول قىلىشىدا مۇھىم رول ئوينىغان ئىكەن. 

6. 60% شىۋېتسىيە ئاممىسى ئامېرىكا دۇنيا تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكىگە مەسىلە ئېلىپ كېلىدۇ دەپ قارايدىكەن 

«جەنۇبىي شىۋېتسىيە گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شىۋېتسىيە خەلق ئىشلىرى جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ئورگىنى ئېلىپ بارغان «2016-يىللىق ئەلرايىنى تەكشۈرۈش» دوكلاتىدىكى ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، %62 شىۋېتسىيە ئاممىسى ئامېرىكا دۇنيا تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكىگە «بىر قىسىم ياكى ئېغىر مەسىلە» ئېلىپ كېلىدۇ دەپ قارىغان بولۇپ، 2015-يىلى بۇ خىل قاراشتىكى شىۋېتسىيە ئاممىسى %54 بولغان. 

7. ئۆتكەن يىلى كورېيەدىكى ئىشسىز نوپۇس سانى 1 مىليوندىن ئېشىپ كەتتى 

كورېيە ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 11-يانۋار ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ياسىمىچىلىق كەسپىنىڭ ئىپادىسى ياخشى بولماسلىق قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، 2016-يىلى كورېيەدىكى ئىشسىزلار سانى 1 مىليون 12 مىڭ ئادەمگە يېتىپ، ھۆكۈمەت بۇ سانلىق مەلۇماتنى ئىستاتىستىكا قىلغاندىن بۇيان تۇنجى قېتىم 1 مىليوندىن ئېشىپ كەتكەن. 

8. دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان دۆلەتلەر كۆپەيتىلگەندىن كېيىنكى دۇنيا، ئاسىيا ۋە جۇڭگو 

10-يانۋار، خەلقئارا پۇتبول جەمئىيىتى سىيۇرىخ باش ئىشتابى مۇدىرىيەت يىغىنى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، مۇدىرىيەت ئەزالىرى بىردەك 2026-يىلىدىن باشلاپ دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان دۆلەتلەرنىڭ سانىنى 48گە كۆپەيتىشكە قوشۇلغان. 

9. ئىككى ئەنگلىيە پۇقراسى تور جاسۇسلۇق دېلوسىغا چېتىلىپ قالغانلىقتىن ئىتالىيە ساقچىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىندى 

ئىتالىيە ساقچىلىرىنىڭ 10-يانۋار ئېيتىشىچە، ئىككى ئەنگلىيە پۇقراسى توردا قانۇنسىز كۆزىتىشكە چېتىلىپ قالغانلىقتىن ئىتالىيەدە قولغا ئېلىنغان. ANSA ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قولغا ئېلىنغانلار بىر نەپەر يادرو تېخنىكىسى ئىنژېنېرى ۋە ئۇنىڭ ئاچىسى بولۇپ، ئايرىم ھالدا 45 ياش ۋە 49 ياش ئىكەن، ھەر ئىككىسى ئەنگلىيە پۇقراسى بولۇپ، رىمدا بىر ئاكسىيە شىركىتى قۇرغان، يەرلىكتىكى پۇل-مۇئامىلە چەمبىرىكىدە خېلى نامى بار ئىكەن. 

10. خۇاۋېي ئەڭ تېز ئۇدا سۈرەتكە تارتىش جىنىس دۇنيا رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىدى 

جۇڭگو خۇاۋېي شىركىتى 10-يانۋار دۇنيادىكى ئەڭ ئېگىز ئىمارەت--ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىكى خەلىپە مۇنارىدا بىر مەيدان باشقىچە ئۆز تارتىم سۈرەتكە تارتىش پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن. سۈرەتكە تارتقۇچى خۇاۋېي Mate 9 يانفونى ئارقىلىق 3 مىنۇت ئىچىدە باشقا قاتناشقۇچىلار بىلەن ئۇدا 160 تال ئوپچە سۈرەتكە چۈشۈپ، ئەڭ تېز ئۇدا سۈرەتكە تارتىش جىنىس دۇنيا رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىغان. 



  

يانفۇندا كۆرۈش
    315