ئوباما ئاق سارايدىكى خوشلىشىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ياردەمچىسىنىڭ تويىغا قاتناشتى

تەھرىر: كارۋان   مەنبەسى:news.xinhuanet.com   يوللانغان ۋاقتى:2017-01-11 21:45

خەلقئارا لىنىيەسى تورى 11-يانۋار خەۋىرى،

ئەنگلىيە كۈندىلىك پوچتا گېزىتىنىڭ 10-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما يېقىندا چولپانلار يىغىلغان ئاق سارايدىكى خوشلىشىشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ نەچچە سائەتتىن كېيىن فىلورىدا ئىشتاتىنىڭ Jacksonvilleغا بېرىپ ئاق ساراينىڭ ساياھەت باشقۇرغۇچىسى، زۇڭتۇڭنىڭ شەخسىي ياردەمچىسى مارۋىن نىكولسون (Marvin Nicholson)نىڭ تويىغا قاتناشقان.

شۇ جاي ۋاقتى 9-يانۋار نىكولسون بىلەن قىز دوستى خېلېن (Helen Pajcic) توي قىلدى. نەق مەيداندىكى كۆپلىگەن سۈرەتلەردە كۈلۈمسىرىگەن ئوبامانىڭ كۈلۈمسىرىگەن نىكولسون ۋە ئازراق خىجىل بولغانلىقى كۆرۈنۈپ تۇرغان كېلىنچەك بىلەن بىللە سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇرغانلىقىنى كۆرسىتىلگەن. يەنە بەزى سۈرەتلەردە توي مۇراسىمى مەزگىلدە ئوبامانىڭ يىگىت قولداشلار ئارىسىدا تۇرغانلىقى، دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كېررىينىڭ مۇراسىمغا رىياسەتچىلىك قىلغانلىقىنى كۆرسىتىلگەن. بۇ ئالاھىدە سورۇندا ئوباما قارا رەڭلىك مۇراسىم كىيىمى كىيگەن بولۇپ، ئۇ قارا رەڭلىك گالىستۇك تاقىغان بىردىنبىر ئادەم بولغان، باشقا يىگىت قولداشلار، كېررىي ۋە يىگىت ھەممىسى قارا رەڭلىك كېپىنەك گالىستۇك تاقىغان.

2008-يىلىدىكى زۇڭتۇڭ سايلىمى مەزگىلدە نىكولسون بىلەن قىز دوستى خېلېن ئىككىلىسى ئوباما ئۈچۈن كۈچ چىقارغان. خېلېن ئوبامانىڭ ئۇزاق مۇددەت پۇل غەملىگۈچىسىنىڭ قىزى بولۇپ، مائارىپ مەھكىمىسىنىڭ ئالاھىدە ياردەمچىسى بولغان. زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان ئوباما جەمئىي 333 قېتىم گولف توپ ئوينىغان، ئۇنىڭ ئىچىدە نىكولسون 192 قېتىملىقىغا قاتناشقان، شۇنداقلا زۇڭتۇڭغا ھەمراھ بولۇپ ئەڭ كۆپ گولف توپ ئوينىغان ئادەم. ئوباما ئۈچۈن ئىشلەشتىن بۇرۇن نىكولسون كېررىينىڭ شەخسىي ياردەمچىسى بولۇپ، كېررىيغا ياردەملىشىپ 2004-يىلىدىكى دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىشىدىغان نامزاتىنى تاللىغان.

توي مۇراسىمى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئوباما «ھاۋا ئارمىيە بىرىنچى نومۇر»غا ئولتۇرۇپ ۋاشىنگتونغا قايتقان. بىرىنچى خانىم مېچىل ئوباماغا ھەمراھ بولۇپ تويغا قاتناشمىغان.

خەۋەر قىلىنىشىچە، ئوباما دەل توي مۇراسىمى باشلانغاندا نەق مەيدانغا يېتىپ كېلىپ مۇراسىم ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئاندىن كەتكەن.

ئۇنىڭدىن بۇرۇن نەچچە ئون داڭلىق شەخس ئوباما ئۆتكۈزگەن ئاق سارايدىكى خوشلىشىش يىغىنىغا قاتناشقان. ئېيتىلىشىچە، ئالاھىدە مېھمانلار تىزىملىكىنى ئاشكارىلاش قاتتىق چەكلەنگەن. ئوباما ئەر-خوتۇن مېھمانلار ئۈچۈن توخۇ گۆشى ۋە تۇخۇم-سۈتلۈك توقىچى قاتارلىق ئېسىل تائاملارنى تەييارلىغان. لېكىن بۇ يەنىلا يىغىنغا قاتناشقۇچىلارنىڭ سۈرەتلىرىنى ئىجتىمائىي ئالاقە تورىغا يوللىشىدىن ساقلىنالماي، خوشلىشىش يىغىنىغا قاتناشقان نەق مەيدان كۆرۈنۈشىنى ئاشكارىلىغان.

ئوباما توي مۇراسىمى نەق مەيدانىدا

ئوباما بۇ تويغا قاتناشقان بىردىنبىر سىياسىي ئەرباب ئەمەس، دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كېررىي توي مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلغان.


ئاق سارايدىكى خوشلىشىش يىغىنىغا قاتناشقان قىسمەن داڭلىق كىشىلەرنىڭ كوللېكتىپ سۈرىتى



  

يانفۇندا كۆرۈش
    315