گۇتېرېس خەلقئارا جەمئىيەتنى توقۇنۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشقا چاقىردى

تەھرىر: كارۋان   مەنبەسى:uy.ts.cn   يوللانغان ۋاقتى:2017-01-11 21:38

تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى خەۋىرى: 

ب د ت نىڭ باش كاتىپى گۇتېرېس 10-يانۋار «خەلقئارا جەمئىيەت توقۇنۇشقا تاقابىل تۇرۇشتا زور ۋاقىت ۋە بايلىق سەرپ قىلىپ، قىممەتلىك بەدەللەرنى تۆلىدى، چوقۇم ئۇسۇلىنى تەڭشەپ، توقۇنۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا تېخىمۇ زور تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىشى زۆرۈر» دېدى.

بۇ گۇتېرېس ب د ت نىڭ باش كاتىپى بولۇپ تەيىنلەنگەندىن كېيىن تۇنجى قېتىم خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە رەسمىي بايانات ئېلان قىلىشى ھېسابلىنىدۇ. بۇ كۈنى، خەپسىزلىك كېڭىشى «توقۇنۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش-سىجىل ئىناقلىق» تېمىسىدا ئاشكارا مۇنازىرە ئېلىپ باردى.

گۇتېرېس مۇنداق دېدى: توقۇنۇش ھوقۇق ۋە بايلىق تالىشىش، باراۋەرسىزلىك، چەتلىشىش قاتارلىق كۆپ خىل ئامىللار تۈپەيلىدىن كېلىپ چىقىدۇ ھەمدە كىلىمات ئۆزگىرىشى، نوپۇس جىددىي كۆپىيىش، جىنايەت بىلەن تېررورلۇقنىڭ يەر شارىلىشىشى قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرى بىلەن ئەۋج ئالىدۇ.

گۇتېرېس خەلقئارا جەمئىيەتنى توقۇنۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەھەتتە تېخىمۇ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە مۇراجىئەت قىلدى ھەمدە نۆۋەتتە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بۇ ھەقتە تىرىشىپ ئىسلاھات ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ: بۇنىڭدىن سەل ئىلگىرى كۇڭ ۋاكاڭ سىياسەت مەسىلىسى بويىچە ئالاھىدە مەسلىھەتچىلىككە تەيىنلەندى، ئۇنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سىستېمىسىنىڭ توقۇنۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدارىنى ئۆلچەش ۋە ئۇنى بىرىكتۈرۈپ بىر ئالدىن سىگنال بېرىدىغان ۋە ھەرىكەتلىندىغان ئۇنىۋېرسال سۇپىغا ئايلاندۇرۇشتىن ئىبارەت، دېدى. گۇتېرىس خەۋپسىزلىك كېڭىشى ۋە ب د ت يىغىنىنىڭ تىنچلىقنى قوغداش ۋە بەرپا قىلىشنىڭ پۈتكۈل جەريانىنى، يەنى توقۇنۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ھەل قىلىش، قوغداشتىن تاكى تىنچلىق بەرپا قىلىش، ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىياتقىچە بولغان جەرياننى قوللاش بىلەن تەمىنلەشكە چاقىردى.

گۇتېرېس «ھەر قايسى ئەزا دۆلەتلەر توقۇنۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتەك ئاساسلىق خىزمەتنى ئۈستىگە ئالغان» دەپ تەكىتلىدى ۋە سىغدۇرۇشچان جەمئىيەت بەرپا قىلىپ، خەلقئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، 2017-يىلنىڭ «تىنچلىق يىلى» بولۇشىغا ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە چاقىردى.

گۇتېرېس بۇلتۇر ئۆكتەبىردە ب د ت نىڭ 9-نۆۋەتلىك باش كاتىپى بولۇپ سايلانغان، 2017-يىلى 1-يانۋاردىن باشلاپ ۋەزىپە ئۆتەشكە باشلىغان، ۋەزىپە مۇددىتى بەش يىل.

مەنبە: http://uy.ts.cn/news/content/2017-01/11/content_578503.htm?lang=uy



  

يانفۇندا كۆرۈش
    315