ھامىلە دېغى ئورنىدا چاچ چىقىپ قالغان قىز بوۋاق ئوپېراتسىيە قىلىنماقچى

تەھرىر: كارۋان   مەنبەسى:toutiao.com   يوللانغان ۋاقتى:2017-01-11 20:19

ئاۋسترالىيەلىك 7 ئايلىق قىز بوۋاق رۇبىينىڭ ئوڭ كۆزىنىڭ ئۈستىدە ھامىلە مېڭى بار.

رۇبىينىڭ ئاپىسى: «گەرچە رۇبىنىڭ يۈزىدە ھامىلە مېڭى بولسىمۇ، ئەمما ئۇ يەنىلا بىزنىڭ قەلبىمىزدىكى پەرىشتە. بىز ئۇنىڭ ئۆزگىرىشىنى خالىمايمىز. ئۇ خۇشال-خۇرام چوڭ بولسىلا بولىدۇ. بىز ئۇنىڭ ھامىلە مېڭىنى ئۇ مەكتەپكە كىرىشتىن بۇرۇن ئالدۇرىۋېتىشىمىز مۇمكىن» دېدى. سۈرەتتە، رۇبىي ۋە ئۇنىڭ ئاكىسى.

ئاتا-ئانىسى رۇبىينىڭ ھامىلە مېڭىنى ئالدۇرىۋېتىش ئۈچۈن دوختۇرلار بىلەن ئالاقىلاشقاندا، 7 قېتىم ئوپېراتسىيە قىلىنىشى كېرەكلىكىدىن ھەم يېقىندا قىلىنىدىغان تۇنجى قېتىملىق ئوپېراتسىيەگە 10 مىڭ ياۋرو (خەلق پۇلىدا تەخمىنەن 47 مىڭ يۈەن) كېتىدىغانلىقىدىن خەۋەر تاپتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار توردا ئىئانە يىغىش ئىلتىماسى چىقارغاندا، قىسقىغىنە بىر نەچچە كۈن ئىچىدىلا 12 مىڭ ياۋرو يىغىلدى.

رۇبىينىڭ دوختۇرى ئوپېراتسىيە جەريانىدا ئۇنىڭ ئوڭ قېشىنىڭمۇ ئېلىۋېتىلىدىغانلىقى، 8 ياشقا كىرگەندە قايتىدىن قاش كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسى قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

رۇبىي بىر ئائىلە كىشىلىرى.



  

يانفۇندا كۆرۈش
    315