ئامېرىكىنىڭ كۆپ جايلىرىدا قار كۆچكۈنى يۈز بېرىپ ئاز بولغاندىمۇ 4 ئادەم قازا قىلدى

تەھرىر: كارۋان   مەنبەسى:news.xinhuanet.com   يوللانغان ۋاقتى:2017-01-11 20:19

شىنخۇا ئاگېنتلىقى 11-يانۋار خەۋىرى،

ئامېرىكا كولورادو ئىشتاتى، مونتانا ئىشتاتى ۋە ۋاشىنگتون ئىشتاتىدا يېقىندا كۆپ قېتىم قار كۆچكۈنى يۈز بېرىپ، ئاز بولغاندىمۇ 4 ئادەم قازا قىلدى.

10-يانۋار سەھەردە كولورادو ئىشتاتى بىلەن ئامېرىكىنىڭ غەربىدىكى باشقا جايلارنى تۇتاشتۇرىدىغان 70-نومۇرلۇق ئىشتاتلار ئارا تاشيولنىڭ قىسمەن بۆلىكىدە قار كۆچكۈنى يۈز بېرىپ، نەچچە مىڭ ئاپتوموبىل ماڭالماي قالدى.

ئۇنىڭدىن باشقا، ئامېرىكىنىڭ غەربىي شىمال قىسمىدىكى مونتانا ئىشتاتى ۋە ۋاشىنگتون ئىشتاتىدىمۇ ئۆتكەن بىر ھەپتىدە كۆپ قېتىم قار كۆچكۈنى يۈز بېرىپ ئاز بولغاندىمۇ 4 ئادەم قازا قىلدى.

كولورادو ئىشتاتى تىرانسپورت ئورنى باياناتچىسىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇدا نەچچە كۈن ياغقان يامغۇر ۋە نەم ھاۋا قار كۆچكۈنىنى پەيدا قىلغان مۇھىم سەۋەب ئىكەن. ئالاقىدار ئورۇنلارمۇ كۆپ قىسىم جايلاردىكى تاغلىق رايونلارغا قار كۆچكۈنى ئاگاھلاندۇرۇشى بېرىپ، تاغلىق رايوندا ئاپتوموبىللىق ماڭىدىغان شوپۇرلار ۋە قار تىيىلىش ھەۋەسكارلىرىغا بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىشنى ئەسكەرتكەن. 



  

يانفۇندا كۆرۈش
    315