ناۋا 11-سان
شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ ئاز سانلىق مىللەت فىلىم ئامبىرى قۇرۇلدى
باش رولچى :
ھالىتى :
تاماملانغان
ئىشلەنگەن يىل :
1950
رېژىسسور:
فىلىم تىلى :
ئۆز تىلى
يوللانغان ۋاقتى :
2017-01-04
كۆرۇلشى :
قىتىم




     

      كارۋان تورى خەۋىرى
     نۇرمۇھەممەد شەمشىدىن فوتوسى

    2016-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شىنجاڭ رادىيو-تېلېۋىزىيە تورى «بىر بەلباغ بىر يول» دىكى خەلقئارالىق ماركا Bawrsak, Eynek نىڭ مىللىي تىلدىكى فىلىم ئامبىرىنىڭ 60 مىڭ سائەتتىن ئاشقانلىقىنى ئېلان قىلىش ئاخبارات يىغىنى ئېچىلدى.

    يىغىنغا ئالاقىدار مۇتەخەسسىس، ھەمكارلاشقۇچى ئورۇنلار ۋە ئاخبارات ساھەسىدىكى ئورۇنلاردىن جەمئىي 50 گە يېقىن ئورۇن قاتناشتى.

     

    بەش يىلغا يېقىن تىرىشچانلىق كۆرسىتىش نەتىجىسىدە، شىنجاڭ رادىيو-تېلېۋىزىيە تورى مىللىي تىلدىكى فىلىم سۇپىسى Bawrsak, Eynek خەلقئارا سەھنىدىن ئورۇن ئالدى. Bawrsak, Eynek نىڭ جۇڭگو ۋە ھەرقايسى ياۋرو-ئاسىيا دۆلەتلىرىدە بىر مىليونغا يېقىن كۆرۈرمىنى بولۇپ، «بىر بەلباغ بىر يول» دىكى خەلقئارالىق ئسىتراتېگىيىلىك ئورۇندا داڭلىق ماركىغا ئايلاندى.

    شىنجاڭ رادىيو-تېلېۋىزىيە تورى توغرا بولغان جامائەت پىكرىنى ئاساس قىلىپ مىللىي تىلدىكى پىروگراممىلارنى ئۆزلۈكسىز موللاشتۇردى ھەم دۆلەت ئىچىدە داڭلىق بولغان مەزمۇن تەمىنلىگۈچىلەر ۋە ئىلغار بولغان تەرجىمە ئورۇنلىرى بىلەن ھەمكارلىشىش ئارقىلىق، ئەڭ يېڭى ۋە نادىر بولغان ئالقىشلىق فىلىملەرنى تەرجىمە قىلىپ Bawrsak, Eynek سۇپىلىرىدا ئۇيغۇر ۋە قازاق خەلقىنىڭ ھۇزۇرىغا سۇندى.

    نۆۋەتتە شىنجاڭ رادىيو-تېلېۋىزىيە تورى مىللىي تىلدىكى فىلىم سۇپىسى مەيلى ئومۇملىشىش كۆلىمى ياكى كۆرۈش سانى جەھەتتىن بولسۇن ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. مەزمۇن جەھەتتە، 2012-يىلىدىكى 5000 سائەتتىن ھازىرقى 60 مىڭ سائەتكە يېتىپ، مەملىكەت بويىچە ئەڭ چوڭ مىللىي تىلدىكى فىلىم ئامبىرى بولۇپ چىقتى. بۇ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ مىللىي تىلدىكى فىلىملەرگە بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپلا قالماستىن، شىنجاڭنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك مۇقىملىقى ۋە سىجىل تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈچ چىقاردى.

    كەلگۈسىگە نەزەر تاشلىساق «بىر بەلباغ بىر يول»، «يىپەك يولى ئىقتىسادى بەلبېغى»ئىستراتېگىيەسىدە مەدەنىيەت كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم ئامىل. شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر پىروگراممىلىرى يىپەك يولىنى بويلىغان ھەرقايسى دۆلەتلەر ئارا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ۋە شىنجاڭ مەدەنىيىتىنى سىرتقا تەشۋىق قىلىشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. شىنجاڭ رادىيو-تېلېۋىزىيە تورى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا Bawrsak,Eynek سۇپىلىرىنى كېڭەيتىش ۋە خەلقئارالاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەسىدىكى ئۆز بۇرچىنى ئادا قىلىپ، دۇنياۋى نەزەردىكى مەزمۇن تاراتقۇ سىستېمىسىنى بارلىققا كەلتۈرىدى.

    شىنجاڭ رادىيو-تېلېۋىزىيە تورى ھەرقايسى  داڭلىق مەزمۇن تەمىنلىگۈچىلەر ۋە تەرجىمە ئورۇنلىرى بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىغان بولۇپ، فىلىم سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن  كۆپلىگەن مۇتەخەسسىسلەرنى تەكلىپ قىلدى. كەلگۈسىدەBawrsak,Eynek مەزمۇن ئېكولوگىيەسى تېخىمۇ پىشىپ يېتىلىپ، يەنىمۇ كۆپ بولغان نادىر تېلېۋىزىيە تەرجىمە فىلىملىرىنى Bawrsak, Eynek سۇپىلىرىدا ئېلان قىلىپ، كەڭ خەلىق ئاممىسىنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنىدۇ. 

    شىنجاڭ رادىيو-تېلېۋىزىيە تورى Bawrsak, Eynek سۇپىلىرى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتپلا قالماستىن بەلكى دۇنياۋى سەھنىلەردە جۇڭگو ئوبرازىنى نامايەن قىلغۇسى.










فىلىم قىسىملىرى