ناۋا 11-سان
شىنجاڭدىكى سەر خىل ئۇستىلار ھەمكارلىق سۆھبەت چېيى ئۆتكۈزۈلدى
باش رولچى :
ھالىتى :
تاماملانغان
ئىشلەنگەن يىل :
1950
رېژىسسور:
فىلىم تىلى :
ئۆز تىلى
يوللانغان ۋاقتى :
2017-01-04
كۆرۇلشى :
قىتىم

    شىنجاڭ ‹‹ئىمارەت›› سودا چەكلىك شىركىتى ئۇيۇشتۇرغان ‹‹شىنجاڭدىكى سەر خىل ئۇستىلار ھەمكارلىق سۆھبەت چېيى›› پائالىيىتى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى چۈشتە ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى.


    پائالىيەتتە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن 20 گە يېقىن بېزەكچىلىك شىركەتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ئۆزئارا تونۇشۇپ، پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ھەمكارلىق ئۈستىدە كېڭەشتى، شىركەتنى كېڭەيتىپ، كەسىپلىشىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، داڭلىق ماركا يارىتىش توغرىسىدا ئۆز پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى.


    شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتى ئاخبارات- تارقىتىش ئىنىستىتۇتىنىڭ دوتسېنتى، مەملىكەتلىك ۋە ئاپتونۇم رايونلۇق ئاز سانلىق مىللەتلەر رادىيو كىنو تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىرىنى باھالاش مۇتەخەسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ مۇتەخەسىسى، ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى "ساغلاملىق يېتەكچىسى" پىروگراممىسىنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرى دولقۇن ئابدۇللا ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلدى.


    شىنجاڭ ‹‹ئىمارەت›› سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ئالىمجان ئابدۇرېشىت بۇ قېتىملىق ھەمكارلىق سۆھبەت يىغىنىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونىمىزدا بېزەكچىلىك شىركەتلىرى بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، ئۇلار ئاساسەن يەككە ھالەتتىكى تەرەققىيات يولىدا مېڭىپ كەلگەچكە، ئۆزئارا تونۇشۇپ ھەمكارلىق ئورنىتىش پۇرسىتى بىر قەدەر ئاز، كەسىپلىشىش قەدىمى بىر قەدەر ئاستا، يېڭى ئۇچۇرلارنى ئىگىلەش ۋە يېڭىلىق يارىتىش جەھەتتە بىر ئاز بېكىنمىچىلىكنى ساقلاپ كەلگەن. بىز بۇ مەسىلىلەرنى بايقىغاندىن كېيىن، بېزەكچىلىك شىركەتلىرىدىكى ئۇستىلارنى بىر يەرگە جەم قىلىپ، ھەمكارلىق ئۈستىدە كېڭىشىشنىڭ ناھايىتى مۇھىملىقى ۋە تەخىرسىزلىكىنى ھېس قىلدۇق؛ يەنە بىر تەرەپتىن، شىركىتىمىز بېزەكچىلىك شىركەتلىرىنى ماتېرىيال مەنبەسى بىلەن تەمىنلەيدىغان بولغاچقا، بۇ يەرگە كەلگەن ئۇستىلارنى مەھسۇلاتلىرىمىزنى كۆرۈپ، سۈپىتى، تەركىبى، تەننەرخى قاتارلىق جەھەتلەردىن باھا ۋە پىكىر-تەكلىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىپ بۇ ھەمكارلىق سۆھبەت چېيىنى ئورۇنلاشتۇردۇق.
    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۆي بېزەكچىلىك كەسپىنىڭ تەرەققىياتى ناھايىتى تېز بولدى، كىشىلەر ئۆيلىرىنى ھەشەمەتلىك، كۆركەم، ئازادە بېزەشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەچكە، ئۆي بېزەكچىلىك كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان شىركەتلەر كۆپلەپ قۇرۇلۇپ، كىشىلەرنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئېھتىياجىنى قاندۇردى، جۈملىدىن بېزەكچىلىك كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان مىللىي كارخانىلارمۇ ئۆز مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى بېزەكچىلىك مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلغان ئاساستا زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلدى، گەرچە بۇ بىر خۇشاللىنارلىق ئىش بولسىمۇ، بىراق كەسىپلىشىش قەدىمىنىڭ ئاستا بولۇشى، يېڭىلىق قوبۇل قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش ئىدىيەسىنىڭ كەمچىل بولۇشى، پىكىرلىشىش، كەسپىي تەربىيەلەشنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى سەۋەبىدىن، يەنىلا كىچىك كارخانا سۈپىتىدە تەرەققىياتى بىر ئىزىدا توختاپ قالىدىغان ۋە ياكى كۈنسايىن ئېشىپ بېرىۋاتقان ئېھتىياجنى قامدىيالماي شاللىنىپ كېتىدىغان ئەھۋاللار ھېلىھەم مەۋجۇت.


    شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى خىمىيە ئىنستىتۇتىنىڭ پېنسىيونىرى مامۇت قۇربان ئەپەندى مۇنداق دېدى:<< بېزەكچىلىك كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان مىللىي كارخانىلار ئەنئەنىۋىلىكنى ساقلاپ قالغان ئاساستا، يېڭىلىقلارنى قوبۇل قىلىشى، مۇھىت بۇلغىشى تۆۋەن، كىشىلەرنىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر كۆرسەتمەيدىغان، سۈپىتى ياخشى، تەركىبىدىكى زىيانلىق ماددىلار ئاز بولغان ماتېرىياللارنى ئىشلىتىشكە ئەھمىيەت بېرىشى، ئۆزئارا ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، ئۆزئارا ئۆگىنىپ، پىكىر ئالماشتۇرۇپ، يېتەرسىزلىكلەرنى ۋاقتىدا كۆرسىتىپ بېرىپ، شىركەتنىڭ كەسىپلىشىش قەدىمىنى تېزلىتىشى لازىم. شىنجاڭ ‹‹ئىمارەت›› سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ بۇ قېتىملىق سۆھبەت يىغىنىنى ئۇيۇشتۇرۇشى شىركەتنىڭ بازار ئېچىشى، مەھسۇلات تونۇشتۇرۇشىغا پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ھەر قايسى بېزەكچىلىك شىركەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇلارنىڭ كەسىپلىشىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، بېزەكچىلىك كەسپىنىڭ تېخىمۇ يۈكسىلىشىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ>>.

     شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتى ئاخبارات-تارقىتىش ئىنىستىتۇتىنىڭ دوتسېنتى، مەملىكەتلىك ۋە ئاپتونۇم رايونلۇق ئاز سانلىق مىللەتلەر رادىيو كىنو تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىرىنى باھاالش مۇتەخەسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ مۇتەخەسىسى، ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى "ئىقتىساد كۆزنىكى" پىروگراممىسىنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرى، ئۇيغۇر سودا مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى ئىلھام ئابدۇكېرەم مۇئەللىم بىزەكچىلىك كەسپى بىلەن دۆلىتىمىزنىڭ ئەۋزەل سىياسەتلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ، مەزكۇر ساھەنىڭ تەرەققىيات بوشلۇقى ۋە ئىستىقبال ئەۋزەللىكى ھەققىدە مېغىزلىق ھەم ئەھمىيەتلىك سۆز قىلدى.


    زەرقۇت بېزەكچىلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى مەمەت رىشات ئەپەندى ھەمكارلىق توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى-<< بىر ساھەنىڭ گۈللىنىشى ۋە خاراپلىشىشىدا، شۇ ساھەدىكى كەسىپكار ئۇستىلارنىڭ بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە ھەمكارلىشىشىغا، ئارتۇقچىلىقلىرىنى  ئۆز-ئارا ئۆگۈنۈپ، تەجىربىلەرنى يەكۈنلىشىگە باغلىق بولىدۇ. بىز زەرقۇت شىركىتى مۇشۇ مەقسەتتە، بىزەكچىلىك ساھەسىگە تېخىمۇ زور تۆھپىلەرنى قوشۇش ئۈچۈن، دەۋرىمىزدە بۇ ساھەدە ئالدىنقى قاتاردا مېڭىۋاتقان ئىمارەت شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىشنى تاللىدۇق. ئىمارەت شىركىتى تەتقىق قىلىپ ئىشلەپچىقىرىۋاتقان بېزەكچىلىك ماتىرياللىرىنىڭ ئىشەنچىلىك دەرىجىسى يۇقىرى بولۇپ، دىيارىمىزدىكى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان تەتقىقات گۇرۇپپىسىغا ئىگە. بۇ بىزنىڭ  ئىمارەت شىركىتى بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشىمىزدىكى ئاساس.   زەرقۇت شىركىتى بىلەن ئىمارەت شىركىتى ئارىسىدىكى ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئۆز-ئارا ئۆگۈنۈش، ئۆز-ئارا مەنپەتلىنىش مۇناسىۋىتى بولۇپ، ئۇيغۇر  بېزەكچىلىك ساھەسى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپىلەرنى قوشۇشنى ئارزۇ قىلىمىز.






















































    پائالىيەت داۋامىدا پائالىيەتكە قاتناشقان، دىيارىمىز بېزەكچىلىك ساھەسىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن بېزەكچىلىك شىركەتلىرى ۋەكىللىرى ئايرىم-ئايرىم ھالدا سۆز قىلىپ، تەجىربىلىرىنى كەسىپداشلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى. 










     سۆھبەت پائالىيىتىدە يەنە شىنجاڭ ‹‹ئىمارەت›› سودا چەكلىك شىركىتى بىلەن شىنجاڭ ‹‹زەرقۇت›› بېزەكچىلىك قۇرۇلۇش چەكلىك شىركىتى ئۆزئارا توختام ئىمزالاپ، ‹‹شىنجاڭدىكى سەر خىل ئۇستىلار ھەمكارلىق سۆھبەت چېيى››نىڭ تۇنجى مېغىزىنى چاقتى.

    ھەمكارلىق ھەر قانداق بىر كارخانا ئۈچۈن كۈچنى زورايتىش، تەرەققىي قىلىش، ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ئىقتىسادىي خەۋپلەرگە ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىر ئەلۋەتتە. شىنجاڭ ئىمارەت سودا چەكلىك شىركىتى كونا يىلنى ھەمكارلىق تېمىسى بىلەن ئۇزىتىپ، يېڭى يىلنى يەنە شۇ ھەمكارلىق تېمىسى بىلەن كۈتىۋالدى. شىنجاڭ زەرقۇت شىركىتى بىلەن ئىمارەت شىركىتىنىڭ ھەمكارلىقى بۇ ئىككى شىركەتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈنلا ئەمەس، يەنە مىللىي بىزەكچىلىك ئىشلىرىمىزنىڭ تېخىمۇ قېلىپلىشىشى، ئۆلچەملىشىشى ئۈچۈن ياخشى باشلىنىش بولۇپ قالغۇسى.

    ئاخىرىدا كارۋان تورى نامىمىزدىن،  ئۇيغۇر بېزەكچىلىك ساھەسى ئۈچۈن تىنىمسىز كۈچ قوشىۋاتقان ھەم تەرەققىياتى ئۈچۈن باش قاتۇرىۋاتقان بۇ ئىككى شىركەت ھەمكارلىقىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولىشىغا،  تەرەققىيات ئىستىقبالىنىڭ پارلاق بولىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقتتا يەنە،  ئۇيغۇر بېزەكچىلىكى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپىلەرنى قوشۇپ، مەزكۇر ساھەنىڭ ئۈلگسى ۋە سەركىسى بولىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز.


فىلىم قىسىملىرى