ناۋا 11-سان
مۆتىۋەر شىركىتى يىللىق مۇكاپات ئۈچۈن 530مىڭ يۈەنلىك ماشىنا تارقاتتى
باش رولچى :
ھالىتى :
تاماملانغان
ئىشلەنگەن يىل :
1950
رېژىسسور:
فىلىم تىلى :
ئۆز تىلى
يوللانغان ۋاقتى :
2017-01-03
كۆرۇلشى :
قىتىم

    2017-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى شىنجاڭ مۆتىۋەر خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ 2016-يىللىق خىزمەتلەردىن خۇلاسە ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەرنى مۇكاپاتلاش يىغىنى مۆتىۋەر خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ كۆرگەزمە زالىدا ئۆتكۈزۈلدى، يىغىنغا شىركەت رەھبەرلىرى ۋە مۆتىۋەر خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ بارلىق ئىشچى-خىزمەتچىلىرى قاتناشتى .

    يىغىن جەريانىدا شىركەت لىدىرى تاشمۇھەممەت غېنى ھاجىم 2016-يىللىق خىزمەتلەردىن خۇلاسە بەردى ۋە 2017-يىللىق ئىستراتېگىيىلىك تەرەققىيات پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
     

     

    شىركەت باش دېرىكتورلىرىدىن رۇزىمەمەت غېنى، ئابابەكرى ئابلەت قاتارلىقلار شىركەتنىڭ ئالدىنقى بىر يىل جەريانىدىكى بېسىپ ئۆتكەن مۇساپىسى ۋە ئېرىشكەن نەتىجىلىرى توغرىلىق خۇلاسە بەردى ۋە كېيىنكى بىر يىللىق تەرەققىيات پىلانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
     




     

    شىركەتتىكى ھەر قايسى بۆلۈم ۋە ئىسكىلات مەسئۇللىرى 2016-يىللىق خىزمەتلەردىن خۇلاسە ۋە 2017-يىللىق خىزمەت پىلانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.



     















    خۇلاسە ۋە پىلانلاردىن كېيىن 2016-يىللىق خىزمەت جەريانىدا خىزمەتتە ئىپادىسى ئالاھىدە ياخشى بولغان ئىلغار خىزمەتچى خادىملارنى دەرىجە بويىچە بۆلۈپ مۇكاپاتلاش ئېلىپ باردى . مۇنەۋۋەر بۆلۈم مەسئۇللىرىنى  3000 يۈەن نەق پۇل بىلە ئىلغار بولغان 10 خادىمنى 1000 يۈەن نەق پۇل بىلەن مۇكاپاتلاش بىلەن بىرگە شىركەتتىكى 78 خىزمەتچىلەرنى شىركەتكە ئىشقا چۈشكەن سىتاجى بويىچە مۇكاپاتلاش ئېلىپ باردى.
     












    شىركەت ئىچىدىكى خۇلاسىلاش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن  باش لىدىرى تاشمۇھەممەت غېنى ئەپەندى يېغىننى خۇلاسىلاپ شىركەتنىڭ بىر يىللىق نەتىجىلىرىنىڭ شىركەت ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ ئورتاق تىرىشىشى ئاستىدا قولغا كەلگەنلىكىنى ۋە بۇندىن كېيىنمۇ بارلىق ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ بىر نىيەت بىر مەقسەتتە بولۇپ، بىرلىكتە شىركەتنىڭ تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىشقا چاقىرىق قىلدى

    بۇ قېتىملىق كۆڭۈل ئېچىش پائالىيتىمىزگە داڭلىق رىياسەتچىمىز جۇشقۇن جۈمە رىياسەتچىلىك قىلدى.
     

     

    پائالىيىتىمىزگە يەنە ئەل سۆيگەن چولپانلىرىمىزدىن مۆتىۋەر كىيىملىرىنىڭ ئوبراز ۋەكىلى بولغان ئابدۇللا ئابدۇرېھىم، ئاتاقلىق كومپوزىتور ئېھسان كىيىملىرىنىڭ ئوبراز ۋەكىلى ئابلەت ئابلىكىم،  ئەل سۆيگەن ناخشىچى مۆمىنجان ئابلىكىم، مەشرەپ شىركىتىدىن سەمى ئابلىكىم  ، ئۆز تۈر مەسلىھەتچىلىك شىركىتىدىن  مۇھەممەت ياسىن ئەپەندى، شىنجاڭ ئۇنۋىرسىتىتى سىياسى پەنلەر فاكۇلتېتىنىڭ دوتسىنتى،شىنجاڭ تىلېۋىزىيە ئىستانسىنىڭ , مۇھەررىرى-مەمەت توختى مۇئەللىم، دانا ئادۋوكات ئورنىدىن مۇساجان ئەپەندى، ئىشەنچ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقدارلىق چەكلىك شىركىتىدىن ئەخمەتجان ئەپەندى، شىنجاڭ مالىيە-ئىقتىساد ئۇنۋېرسىتېت سودا -سانائەت باشقۇرۇش ئىنستىتۇتىنىڭ لېكتورى نۇرگۈل مۇئەللىم، بوز تاغ تەرجىمە مەركىزىدىن زاكىر ئەپەندى، پەخرىي شىركىتىدىن ئابدۇغېنى ئەپەندى، ئەلزوق كىيىمچىلىكىنىڭ يانداش ئوبراز ۋەكىلى ئابدۇقەييۇم ، مۆتىۋەرنىڭ كىيىمچىلىكىنىڭ يانداش ئوبراز ۋەكىلى  ئابلىكىم ئوكيان ئېلانچىلىق شىركىتىدىن مەمەت سايىت ئەپەندى قاتارلىق ئەزىز مېھمانلار ۋە ھەر قايسى تارتقۇ ۋەكىللىرى قاتناشتى .







     

    پائالىيتىمىز باشلىنىشتىن بۇرۇن شىركەت لىدىرى تاشمۇھەممەت غېنى ئەپەندى پائالىيەتنى قىسقىچە خۇلاسىلاپ ئۆتتى . ۋە 2016 -يىلى خىزمەتتە ئالاھىدە ياخشى بولغان ئالدىنقى ئۈچ خىزمەتچىنى ئايرىم-ئايرىم قىممىتى 200 مىڭ، 180 مىڭ ۋە 150 مىڭ يۈەنلىك بولغان ماشىنا بىلەن مۇكاپاتلىدى. مۇكاپات بۇيۇمىنى ئەل سۆيگەن ناخشىچى مۆتىۋەر كىيىملىرىنىڭ ئوبراز ۋەكىلى ئابدۇللا ئابدۇرېھىم تارقىتىپ بەردى ۋە مۆتىۋەر شىركىتىنىڭ كەلگۈسىدىكى تەرەققىياتىنىڭ تېخىمۇ زور بولىشى توغرىسىدا ئەھمىيەتلىك پاراڭلارنى قىلدى.
     







     

    پائالىيەت جەريانىدا چولپانلىرىمىز ئۆزىنىڭ يېقىملىق ناخشىلىرى بىلەن پائالىيەتنىڭ كەيپىياتنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈۋەتتى. 









































    بىز مۆتىۋەر شىركىتىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىيات مۇساپىسىغا تېخىمۇ زور ئۇتۇقلارنى تىلەيمىز .



فىلىم قىسىملىرى