ناۋا 11-سان
« ئېسىلزادىلەر» مۇزىكىلىق ساماۋەر شورپىخانىسى تىجارەت باشلىدى
باش رولچى :
ھالىتى :
تاماملانغان
ئىشلەنگەن يىل :
2015
رېژىسسور:
فىلىم تىلى :
ئۆز تىلى
يوللانغان ۋاقتى :
2017-01-03
كۆرۇلشى :
قىتىم

     

    ئۈرۈمچى رافائىل سوداچەكلىك شىركىتى2013 ـ يىلى قۇرۇلغان بولۇپ ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ رايونى مىڭخوا كوچىسى غەربىي 7 ـ كوچا 3 ـ نومۇرغا جايلاشقان.
    شىركەتنىڭ  تىجارەت دائىرىسى : ئۆي مۈلۈك، يىمەك ـ ئىچمەك دالا پائالىيەت كۇلۇبى، شىركەت قارمىقىدىكى «دىپلومات» تاللا بازىرى، «ئىسىلزادىلەر» مۇزىكىلىق ساماۋەر شورپىخانىسى قاتارلىق تۈرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شىركەت ئوقۇش تارىخى ، كەسپ ئارقا كۆرۈنۈشى، خىزمەت تەجرىبىسى مول بولغان 30نەپەر ئىشچى ـ خىزمەتچىدىن تەشكىل تاپقان.


    شىركەت قارمىقىدىكى «دىپلومات »تاللا بازىرى، يېڭىچە تىجارەت ئەندىزىسى، ئەلا مۇلازىمەت ۋە يۇقىرى سۈپەتنى ئاساس قىلىپ ئىچىلغان بولۇپ، 2016 ـ يىلى2 ـ ئاينىڭ22 ـ كۈنى تىجارەت باشلىغاندىن بۇيان مىللىي كارخانىلىرىمىز سىپىدىن مۇھىم ئورۇن ئىلىش بىلەن بىرگە خېرىدارلارنىڭ قەلب تۆرىدىن ئورۇن ئېلىپ كەلمەكتە. مەزكۇر تاللا بازىرىنىڭ كۆلىمى 300 كۋادىرات مېتىر، تاللا بازىرىنىڭ ئىچى كۆركەم ھەم ئازادە بېزەلگەن ۋە سەرەمجانلاشتۇرۇلغان بولۇپ خېرىدارلارغا راھەت ۋە يېقىشلىق بولغان مال سىتىۋىلىش مۇھىتى ھازىرلىغان. دىپلومات تاللا بازىرىدىكى ماللار سەرخىل، يېڭى، ساپ، باھاسى مۇۋاپىق، ئېسىل سۈپەتلىك بولۇشى بىلەن خېرىدارلارنى ئۆزىگە تېخىمۇ جەلپ قىلىدۇ. نۆۋەتتە «دىپلومات» تاللا بازىرى دىيارىمىزدىكى مىللىي كارخانىلىرىمىز ئۆزلىرى قول سېلىپ ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلار، تۈركىيە ۋە مالايسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ئىشلەپچىقىرىلغان مۇسۇلمانچە ئىمپورت يېمەكلىكلەر، تۇرمۇش بويۇملىرى، قوشۇمچە يېمەكلىكلەر، مەدەنىيەت بۇيۇملىرى، بالىلار ئويۇنچۇقلىرى قاتارلىق كۆپ خىل تاۋارلار تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانماقتا. تاللا بازىرىدىكى مۇلازىمەتچىلەر قوشۇنى، ئالىي مەلۇماتلىق خادىملاردىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، ئىزچىل ھالدا «بارلىقىمىز خېرىدارلارنىڭ مەمنۇن بولۇش ئۈچۈن» دېگەن قىبلىنامە ئاستىدا، ئىللىق مۇئامىلىسى ۋە ئەلا مۇلازىمىتى ئارقىلىق خېرىدارلارنىڭ ماللارنى تاللاپ سېتىۋېلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ ۋە سەمىمى مەسلىھەتلەرنى بېرىدۇ. «دىپلومات »تاللا بازىرىغا مەرھەمەت قىلىڭ، كۆڭۈللۈك سودىڭىز «دىپلومات»تا ئەمەلگە ئاشقۇسى.


     
    رافائىل سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى« ئېسىلزادىلەر» مۇزىكىلىق ساماۋەر شورپىخانىسى 2016 ـ يىلى 12ـ ئاينڭ 25 ـ كۈنى داغدۇغىلىق تىجارەت باشلاش مۇراسىمى ئىلىپ بېرىپ رەسمى تىجارەت باشلىدى. تىجارەت باشلاش مۇراسىمىغا دىيارىمىزدىكى ھەر ساھەدىكى مۇھىم ئەربابلار قاتناشتى ۋە يوقىرى باھالارنى بەردى. «ئېسىلزادىلەر» مۇزىكىلىق ساماۋەر شورپىخانىسى كۆلىمى 300 كۋادىرات مېتىر بولۇپ، مۇھىتى ئىنتايىن ئازادە ،كۆركەم بىزەلگەن، كىشىگە ئارامبەخش، ھوزۇربېغىشلايدۇ. كەڭ ئىستېمالچىلار بۇ  ساماۋەر شورپىخانىدا ئەڭ ئىشەنچلىك، تۈجۈپىلەپ تەييارلانغان ساماۋەر شورپىسى، ئېسىل تەم خۇرۇچلىرى، ساپ، تەبىئىي، سۈپەتلىك، ساغلام، يېشىل يېمەكلىكلەردىن بەھۇزۇر، خاتىرجەم ئىستىمال قىلغاندىن سىرت زامانىمىزدىكى تونۇلغان مۇنەۋۋەر ناخشىچىلارنىڭ،  مۇزىكانتلارنىڭ شوخ، لىرىك ناخشا مۇزىكىلىرىدىن بەھىرلىنەلەيدۇ.












فىلىم قىسىملىرى