ناۋا 11-سان
گۈلىستانىمدا يېڭى يىل
باش رولچى :
ھالىتى :
تاماملانغان
ئىشلەنگەن يىل :
1950
رېژىسسور:
فىلىم تىلى :
ئۆز تىلى
يوللانغان ۋاقتى :
2016-12-31
كۆرۇلشى :
قىتىم

    2016-ﻳﯩﻠﻰ 29-ئۆكتەبىر, ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ ﺗﯘﻣﺎﺭﯨﺲ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﯧﮭﻤﺎﻧﺴﺎﺭﯨﻴﯩﺪﺍ, ﮔﯜﻟﯩﺴﺘﺎﻧﯩﻢ ﺳﺎﻟﯘﻧﯩﻨﯩﯔ ﻗﯘﺭﻏﯘﭼﯩﺴﻰ ﻣﺎﮪﯩﺮﻩ ﺧﺎﻧﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﻪﺳﺘﺎﻳﯩﺪﯨﻞ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯨﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮔﯜﻟﯩﺴﺘﺎﻧﯩﻢ ﺳﺎﻟﯘﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﺴﺘﯩﺪﺍﺗﻠﯩﻖ ﺧﺎﻧﯩﻢ-ﻗﯩﺰﻻﺭﻧﯩﯔ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺋﻪﮪﻤﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﻰ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﺪﻯ


    ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰﯨﻴﻪ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺴﺴﯩﻨﯩﯔ ﺭﯨﻴﺎﺳﻪﺗﭽﯩﺴﻰ ﺋﯩﻠﻨﯘﺭ ﺋﯩﺒﺮﺍﮪﯩﻢ ﺭﯨﻴﺎﺳﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﺪﻯ.


    ﻣﯧﺪﯨﺘﺴﯩﻨﺎ ﺩﻭﻛﺘﻮﺭﻯ, ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺗﯩﺒﺒﯩﻲ ﺋﯘﻧﯟﯦﺮﺳﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﺴﻰ ﻣﺎﮪﯩﺮﻩ ﺧﺎﻧﯩﻢ، دۆلەتلىك ئىككىنچى دەرىجىلىك پىسخىلوگ زىۋىدە خانىم،  پىسخىلوگ ھەم يازغۇچى گۈلنار تىيىپ خانىم قاتارلىق 80 گە يېقىن خانىملار بۇ پائالىيەتكە قاتناشتى.

    ئۈرۈمچى شەھەرلىك بالىلار دوختۇرخانىسىنىڭ دوختۇرى، پائالىيەت ئۇيۇشتۇرغۇچىسى ماھىرە مىجىت خانىم پائالىيەت ئۇيۇشتۇرۇشتىكى مۇددئاسىنى ۋە ئەھمىيىتىنى قىسقىچە سۆزلەپ ئۆتتى.


    زىۋىدە خانىم <<ئاياللىقىم خۇشاللىقىم>> تېمىسىدا ئەھمىيەتلىك لىكسىيە سۆزلەپ بەردى.


    گۈلنار تىيىپ خانىم ئۆزىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن، دىيارىمىز قىز-ئاياللىرى ئۈچۈن  قىلىپ بەرمەكچى بولغان يۈكسەك ئارزۇ-غايىلىرىنى پائالىيەت ئىشتىراكچىلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى




    دۆلەتلىك ئىككىنچى دەرىجىلىك پىسخلوگ كامىلە مەمتىمىن خانىم<<ئائىلىدە قانداق قىلغاندا كەيپىياتىمىزنى تەڭشىيەلەيمىز>> توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتتى، ھەم شۇنداقلا گۈلىستانىم سالۇنى كامىلە خانىمغا تون كىيدۈردى.

     

    تور دۇنياسىدا <<دىل بايان>> ناملىق لىرىك شېئىر  ئارقىلىق تونۇلغان شائىرىمىز مۇنەۋۋەر خانىم ئۆزىنىڭ شېئىرنى ھەدىيە قىلدى.




    ياش ناخشىچىمىز رۆشەنگۈل نەق مەيداندا خۇش ئاۋازى بىلەن لىرىك كۈيلىرىنى تەقدىم ئەتتى










    گۈلىستان توپى قۇرۇلغىلى 4 يىلدىن ئاشقان بولۇپ،  دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى دوكتور، دوختۇر، پىسخىلوگ، ھەم كارخانىچىلاردىن ئىبارەت ھەر قايسى ساھەلەردىكى  مۇنەۋۋەر، زىيالى ئاياللاردىن تەركىب تاپقان،  قىز-ئاياللارنىڭ جېنى بولغان ئائىلە ھەققىدە پىكر-مۇلاھىزە يۈرگۈزىدىغان، ئۇنۋېرسال ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، ئۆزىنى ئۈزلۈكسىز  مۇكەممەللەشتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان  ئاكتىپ ئېبىرگىيىلىك  توپ بولۇپ، قۇرۇلغاندىن بۇيان،ئىزچىل تۈردە ئائىلە، پەرزەنىت، كېلەچەك ھەققىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈلۈپ،  ھەم شۇنداقلا، قەرەللىك ھالدا بىر يەرگە يىغىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ بىلىم- چۈشەنچىلىرىنى ئۆز-ئارا ئورتاقلىشىپ كەلمەكتە.




    بۇ قېتىمقى پائالىيەت، ئۆتۈك كەتكەن بىر يىل ئىچىدىكى ئەھمىيەتلىك ئىشلاردىن قىسقىچى خۇلاسە قىلىش،  يېڭى يىلنى كۈتىۋېلىش، يېڭى يىلغا يېڭىچە ئارزۇ-ئىستەك، يېڭى غايىلەر بىلەن كىرىش ھەققىدە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ،  پائالىيەت باشتىن-ئاخىر ئىزچىل تۈردە قىزغىن كەيپىياتتا باشلىنىپ، قىزغىن كەيپىيات بىلەن ئاخىرلاشتى.















    ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﻛﺎﺭﯞﺍﻥ ﺗﻮﺭﯨﻤﯩﺰ ﻧﺎﻣﯩﺪﯨﻦ ﮔﯜﻟﯩﺴﺘﺎﻧﯩﻢ ﺳﺎﻟﻮﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺑﯩﻠﯩﻤﺨﯘﻣﺎﺭ ﺧﺎﻧﯩﻢ-ﻗﯩﺰﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﯧﻨﯩﮕﻪ ﺳﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﻚ, ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﮕﻪ ﺑﻪﺧﯩﺖ, ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﯘﺗﯘﻕ ﺗﯩﻠﻪﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ, ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ, ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺖ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﺴﻰ, ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ, ﺋﻪﺭ-ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﻖ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺕ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﺑﯩﺮ-ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﺋﺎﻛﺘﯩﭗ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﻨﯩﺮﮔﯩﻴﻪﻟﻪﺭﻧﻰ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﭗ ﮔﯜﻟﯩﺴﺘﺎﻧﯩﻢ ﺳﺎﻟﻮﻧﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﯩﻨﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺑﯧﻴﯩﺘﯩﺸﯩﻨﻰ ﭼﯩﻦ ﺩﯨﻠﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ!

     

فىلىم قىسىملىرى